قانداق قىلغاندا يازلىق تەتىلدە سۇغا چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالغىلى بولىدۇ؟
【发布时间】2021-07-16  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 بالىلارنىڭ ھەممىسى سۇ ئويناشنى، بېلىق تۇتۇشنى ياخشى كۆرگەچكە ئاسانلا سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنداقتا، بۇنداق ئىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

  ھەقىقىي سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئاۋازسىز، سۈرئىتى تېز بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك «كۈچەپ پىلتىڭلاش، يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش» قا ئوخشىمايدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىنىڭ سۇنىڭ ئىچىدە ئالدىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرغانلىقىنى، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئاچقان ھالىتىنى بايقىغاندا، بالىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

 سۇغا چۆكۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاتا- ئانىلار ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، بالىنى كەڭ ئېقىندا سۇ ئۈزگۈزمەسلىك كېرەك. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى مۇنتىزىم سۇ ئۈزۈش سورۇنى ياكى باشقا سۈيى بىخەتەر، ھەم ئەتراپىغا سالاھىيەتكە ئىگە قۇتقۇزۇش خادىملىرى سەپلەنگەن ئورۇنغا ئېلىپ بېرىشى لازىم.

  ئىككىنچى، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا باشقىلارنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، قارىغۇلارچە سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇشنى ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىرىپ، چوڭلارنى ياردەمگە چاقىرىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك. بالىغا قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىرىپ، چوڭلارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىشنىڭمۇ بىر قەھرىمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. 

  تەخمىنەن %50 سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئۆيدە يۈز بېرىدۇ، بولۇپمۇ، يېشى كىچىك بالىلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەقەت سۇ چوڭقۇرلۇقى بەش سانتىمېتىر بولغان سۇ يۈزىدە، بالىنىڭ باش- يۈز قىسمى سۇغا چىلانغاندىن كېيىن ئىككى مىنۇتتىلا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار داس، چېلەك، ئىدىشلاردىكى سۇنى ۋاقتىدا تۆكۈۋېتىشى ھەم ئىدىش چېلەكنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇشى كېرەك. بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرغاندا باشقا ئىشلارنى دەپ بوۋاقنىڭ يېنىدىن ئايرىلماسلىق كېرەك، ۋاقىت بەك قىسقا بولغان تەقدىردىمۇ، بالىنى ۋاننىدا يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.