بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟
【发布时间】2021-07-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتقان «كىچىك كۆزەينەك» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى. بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە قارىتا، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدا قانداق ئوخشاشمىغان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تاكتىكىلىرى بار؟ لازېر نۇرى ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق كۆزەينەكنى ئېلىۋېتىش، ھەممە ئادەمگە ماس كېلەمدۇ؟ يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنى نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتىگە قايتۇرالايدىغان ئاتالمىش «خاسىيەتلىك ئەسۋاب» بارمۇ؟ دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

 مۇتەخەسسىسلەر: ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئامال بار ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. 

 دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى 2020- يىلى 9- ئايدىن 12- ئايغىچە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە 8 مىڭ 604 مەكتەپنى قاپلاپ، جەمئىي 2 مىليون 477 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تاللاپ تەكشۈردى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە: يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان ئاساسىي ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلىنىپ، تۆۋەن گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى گىرادۇسلۇق يىراقنى كۆرەلمەسلىككە تەرەققىي قىلىشى ئاستىلىغان. بىراق، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېلىمىزدە بالىلار ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەردە يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ يېشى بارغانسېرى كىچىكلىشىش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىككەن.

  2020- يىلى جايلاردىكى ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %9 تىن ئېشىپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا % 19.1 كە يەتكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك ئۆرلەش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى %12.9 تىن 6- يىللىققا چىققاندا تېز سۈرئەتتە %59.6 گە ئۆرلىگەن.

  بالىلارغا نىسبەتەن يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنىڭ بولۇش- بولماسلىقى ھەمدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلۇق ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەت بالىلار تىبابىتى مەركىزى، پايتەخت تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى لى ( 李莉) مۇنداق دېدى: «ئادەتتە بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە، 175 گىرادۇستىن 200 گىرادۇسقىچە يىراقنى كۆرەلمەسلىك نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. ئالتە ياشتا يەنە 125 گىرادۇستىن 150 گىرادۇسقىچە بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سەككىز ياشتا 75 گىرادۇستىن 100 گىرادۇسقىچە بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولسا، بالىلاردىكى بۇنداق يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرگىلى، ھەتتا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولماسلىقى، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  لى لى يېشى كىچىكرەك بالىلارغا قارىتا، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا رەسىملىك كىتاب ئوقۇپ بېرىشىنى، ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئامال بار ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئويناتماسلىق يەنى (ئىشلەتكىلى قويماسلىق) نى تەۋسىيە قىلدى. ئەگەر ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى جەزمەن ئوينىمىسا يەنى (ئىشلەتمىسە) بولمايدىغان ئەھۋالدا، چوقۇم ئويناش ۋاقتىنى كونترول قىلىپ، يېقىن ئارىلىقتىن قاراش ۋاقتىنى ئازايتىش، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھەر قېتىمدا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئويناش يەنى (ئىشلىتىش) ۋاقتىنى 15 مىنۇتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك.

  ئۇنداقتا، بالىلار ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟ 

 يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى. بىر قىسىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇردا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتمەكچى بولدى. مەملىكەتلىك ئەما بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش تېببىي جەمئىيىتى ئاممىۋى سەھىيە كۆز ئىلمى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ نىڭلى ((王宁利 مۇنداق دېدى: «ئوپېراتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئىشەنچىلىك. لېكىن، ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. تېببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك مۈڭگۈز پەردە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى بەك نېپىز بولغانلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ.

  ئۇنداقتا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك ئەسۋاپ بارمۇ؟ مەملىكەتلىك ئەما بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش تېببىي جەمئىيىتى ئاممىۋى سەھىيە كۆز ئىلمى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ نىڭلى بۇنىڭغا جاۋابەن: ھازىرچە يوق! يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆرۈپ چارچاشنى پەسەيتىدۇ، خالاس. خەلقئارادا ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە مۇنداق بىر قانچە ۋاسىتە بارلىقى بىكتىلگەن، دەپ كۆرسەتتى.

  بىرىنچىدىن، مۈڭگۈز پەردە پىلاستىك ئەينىكىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، كۆز ئوقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بەلگىلىك رولى بارلىقى ئىسپاتلاندى. 

  ئىككىنچىدىن، تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئاتروپىن. ئىككى- ئۈچ يىل كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ھەقىقەتەن بەلگىلىك قوغداش رولى بارلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ دورا نۆۋەتتە دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن باھالىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك. 

  ئۈچىنچىدىن، يېقىندا ئامېرىكا تەستىقلىغان يۇمشاق ئەتراپنى تۈزەش تېگىشمە ئەينىكى، شۇنداقلا ھازىر بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تاقاۋاتقان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئەينىكىنىڭ ئەتراپىنى كوكىسلاشتۇرۇپ تۈزەش ئەينىكىگە سېلىشتۇرغاندا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار دېيىشكە بولىدۇ. 

相关阅读