قانداق قىلغاندا جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ
【发布时间】2021-07-28  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 7- ئاينىڭ 28- كۈنى دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى. بۇ يىللىق تەشۋىقاتنىڭ باش تېمىسى-- «جىگەر ياللۇغىنى تۈگىتىشتە ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭدا كۆپچىلىك جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەملىتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ جىگەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، سوزۇلما ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ۋىرۇسقا قارشى قېلىپلاشقان داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەھدىتىنى ئومۇميۈزلۈك توسۇشقا چاقىرىش مەقسەت قىلىنغان.

  جىگەر ھەقىقەتەن بىر ئىشچان ئەزا، ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، جىمجىت خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ شۇنچىلىك مۇھىم، لېكىن بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ناھايىتى ئاز ھېس قىلالايمىز، بۇ، يېنىك دەرىجىدىكى جىگەر زەخىملىنىش ۋە دەسلەپكى مەزگىللىك جىگەر ئۆسمىسىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ئاسانلا سەل قارىلىپ قالىدۇ، ھەقىقىي بايقالغاندا جىگەر قېتىشىش ھەتتا جىگەر راكى پەيدا بولۇپ بولغان بولىدۇ، جىگەر گەرچە جىمجىت ھالەتتە تۇرسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئۇنى ئويلاپ تۇرىشىمىز كېرەك، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ؟

  جىگەر ئاسراشتىكى بەش توغرا يول تۆۋەندىكىچە: 

 1. جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك.

 ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە. ھازىرغىچە رەسمىي ئىشلىتىۋاتقانلىرىدىن A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋە E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بار، ئېلىمىز ئىلگىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايون بولۇپ، 2002- يىلى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بالىلارنىڭ ئادەتتىكى ئىممۇنىتېت تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. 2014- يىلى، بەش ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىرتقى يۈز ئانتىگېنىنىڭ مۇسبەتلىك نىسبىتى %1 تىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىنىپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  2. توغرا بولمىغان ئادەتلەردىن ساقلىنىش لازىم. 

 بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، ھەر خىل قان ياسالمىلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش، مۇنتىزىم بولمىغان شىپاخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا، چوقۇم بىر قېتىملىق شپىرىس ئىشلىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە چوقۇم قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش لازىم. تۆتىنچىدىن، مۇنتىزىم بولمىغان بەدەنگە گۈل چېكىش دۇكىنى ياكى ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ھۆسۈن تۈزىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 بەشىنچىدىن، شەخسىي بۇيۇملارنى ئايرىم ئىشلىتىش لازىم. ئالتىنچىدىن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن، بەدەندىكى ۋىرۇس مىقدارىغا ئاساسەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. يەتتىنچىدىن، ياشلار- ئۆسمۈرلەر توغرا بولغان جىنسىي تەربىيەنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

  A تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاساسلىقى چىقىرىندىلار ئارقىلىق يۇقۇيدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغىنى سۇ، يېمەكلىك ياكى كۈندىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىشتا ئاساسلىقى شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 

  بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، كىيىم ئالماشتۇرۇش، يۇيۇنۇش، يوتقان- كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش لازىم.

 ئىككىنىچدىن، چىش چوتكىسى قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى باشقىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 ئۈچىنچىدىن، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش لازىم، مەسىلەن، سىرتتىن سېتىۋالغان گۆش تۈرىدىكى پىششىق يېمەكلىكلەرنى چوقۇم تولۇق قىزدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يېيىش، قايناتمىغان سۇنى ئىچمەسلىك، تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش، كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  3. يېمەك- ئىچمەكنى كونتىرول قىلىش، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

 جىگەرنى ياغ قاپلاش دائىم سېمىزلىك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت كېسىلى ياكى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن بىللە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدا يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش ھالقىلىق تەدبىر. ياغ ۋە شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى نۇقتىلىق كونترول قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدا بىرىسى، ھايۋانات يېغى، ياغدا پىشۇرۇلغان ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. 

  ئىككىنچىسى، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش، مەسىلەن، سۈتنى كۆپ ئىچىش، دادۇر، بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار. 

  ئۈچىنجىسى، يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىپ، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. 

 تۆتىنچىسى يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ تەرتىپسىز بولۇشىدىن ساقلىنىش، ئەتىگەنلىك تاماقنى تويغۇچە يېيىش، چۈشلۈك تاماقنى ياخشى يېيىش، كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك. كېچىلىك تاماق يېيىش، تېز يېيىش، ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك يېيىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

 بەشىنچى، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئىسپىرت-- ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر سەۋەب. يەنە باشقا سوزۇلما جىگەر كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى قوزغايدىغان ئاساسلىق سەۋەب.

  ھەرىكەت-- مۇسكۇللارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىقنى خورىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى بەدەندە ساقلانغان ياغ ئازىيىدۇ.

 بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، ھەرىكەت قىلىشتا -- بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر خىل ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى تاللاش، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلارنى بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ئىككىنچىدىن، چېنىققاندا زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

  4. دورىلارنى قالايمىقان يېمەسلىك لازىم.

 دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ۋە ياغ قاپلاش خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . 

 دورا ئىشلىتىشتە --جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى يوق دەيدىغان كونا قاراشنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭيى دورىلىرىنىڭ جىگەرنى زەھەرلەش ئېھتىماللىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 

 جىگەرنى زەھەرلەيدىغان دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ياكى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

 دورا ئىشلەتكەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

  5. ساغلام كىشىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى كېرەك.

 سوزۇلما جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر ئۈچ ئايدا قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈش تۈرلىرى-- جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى، قاننى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش، جىگەرنى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش، جىگەرنىڭ قاتتىقلىقى، ئېلاستىكىلىقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 35 ياشتىن ئاشقان كېسەللەر يەنە جىگەر ئۆسمىسى ئالامىتى بار- يوقلىقىنى قوشۇپ تەكشۈرتۈشى لازىم.

相关阅读