ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش جەھەتتىكى گۇمانىي سۇئال
【发布时间】2021-08-02  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ھەر يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە «دۇنيا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ھەپتىلىكى» بولۇپ، بۇ يىلقى باش تېما-- ئانا سۈتى ئېمىتىشنى قوغداش-- ئورتاق مەسئۇلىيەت دېگەندىن ئىبارەت. ھەر قانداق باسقۇچتا، ھەرقانچە ياخشى سۈت پاراشوكىمۇ ئانا سۈتىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تەتقىقاتلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بالىلارنىڭ ساغلام- ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۆۋەندىكىدەك تەرەپلەردىن پايدىلىق: 

  1. ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدە يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددىلار مول بولۇپ، سېلىشتۇرما تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، 0 ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بۇۋاقلارنى باشقا بېقىش ئۇسۇلىدىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئىچى سۈرۈش، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. 

  2. زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئازايتىدۇ. 1966- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە، ئاز دېگەندە 56 تۈرلۈك ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋە زىيادە سەزگۈرلىككە قارىتىلغان تەتقىقاتتىن ئېنىق يەكۈن چىقىرىلغان بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن قوغداش رولى بار ئىكەن.

  3. سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 28 تۈرلۈك ئالاقىدار تەتقىقاتنى تەھلىل قىلىپ بايقىلىشىچە، تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن باققانغا سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى بىلەن باققاندا، بالىنىڭ كەلگۈسىدە سەمىرىپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۈز بېرىشىنى % 15 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 

  4. تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئوتتۇرىچە نومۇرى 6- 7 نومۇر يۇقىرى بولىدىكەن.

  5. بېسىمغا تېخىمۇ قارشى تۇرۇپ، خامۇشلۇقنى ئازايتىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. گېرمانىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نىسبەتەن ئاز بولىدىكەن. بۇ بەلكىم دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئانا- بالا بەدىنىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ بالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلىگەنلىكىدىن، ئانا- بالا ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرەلىگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. 

  بۇنىڭدىن باشقا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئانىلارغىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق. مەسىلەن: بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق. بەدەن قىياپىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. تۇخۇمدان راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى خەۋپىنى ئازايتىپلا قالماي، يۇقىرى قان بېسىم خەتىرى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. 

  تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى پەقەت 100 نەچچە يىلدا كەشىپ قىلىنغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشى نەچچە ئون مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرگەن. ھەر بىر ئانا ئۆزىگە ئىشىنىشى، بالىسىنى ئانا سۈتى بىلەن يېتەرلىك ئىمىتىشى، بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىلا بالىسىنى ئىمىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. بالىغا چوقۇم سۈت پاراشوكى ئىچكۈزۈشكە توغرا كەلگەندە، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى چۈشىنىپ، توغرا ئۇسۇلدا ئىچكۈزۈشى، سۈت پاراشوكىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار، بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقتۇق، بۇلارنىڭ ھەر قايسىڭلارغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  1. «سۈت كېلىش» تەييارلىقىنى قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟

 تەبىئىي تۇغۇش-- ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى بولۇپ، توغرا بولغان ئىمىتىش ھالىتى ۋە پات- پات ئىمىتىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇڭا، تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىمكانقەدەر ئۆزى تۇغۇشى كېرەك. مەيلى ئۆزى تۇغۇش ياكى قورساقنى يېرىپ تۇغۇش بولسۇن، ھەممىسىدە بۇۋاق بىلەن بالدۇر ئۇچرىشىپ، بالدۇر ئىمىتىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ئانا- بالا بىر ئۆيدە تۇرۇش، بالىنى ئانىسىنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ ئانا سۈتى ئىمىتىشنى باشلاش كېرەك. ئادەتتە، بوۋاق تۇغۇلسىلا، ئانىسى ئوغۇز سۈتىنى ئىمىتىدۇ. لېكىن، ئوغۇز سۈتىنىڭ مىقدارى ئازراق، سىقىپ چىقىرىشمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا، ئىنتايىن قىممەتلىك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى ئەينەك شارچىچىلىك كېلىدۇ، بىر نەچچە تېمىم ئوغۇز سۈتى ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر ۋاق تاماق. شۇڭا، ئانىلار ئالدىراپ كەتمەسلىكى، ئوغۇز سۈتى چىقمىدى دەپلا سۈت پاراشوكى بىرىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  2. سۈتنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

 ئەگەر نۆل ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار بىر كۈندە بەشتىن ئالتىگىچە قەغەز زاكىنى ھۆل قىلالىسا، بۇ بالىنىڭ تويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بولمىسا ئامال قىلىپ ئانا سۈتىنى كۆپەيتىش كېرەك.

  3. ئاغرىپ قېلىپ دورا يېگەنلەر بالىسىنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىسە بولامدۇ؟ 

 دورا ھەقىقەتەن قان ئارقىلىق ئانا سۈتىگە ئۆتىدۇ. لېكىن، مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئادەتتە بالىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. زۇكام، قىزىتمىسى ئۆرلەش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولىدۇ.

  4. كۆپ ساندىكى دورىلار سىناق قىلىنىش ئارقىلىق تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. خاتىرجەم بولالمىغانلار، دوختۇردىن ئىمكانقەدەر ئەكس تەسىرى ئازراق دورا بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىراق، ھورمون تۈرىدىكى دورىلار ياكى باشقا دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئانا سۈتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىش كېرەك.

 5. قاچان سۈتتىن ئايرىسا بولىدۇ؟

 دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 0 ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان ۋاقىتتا ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرسە ھەمدە ئانا سۈتى بىلەن 2 ياشقىچە بېقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىر ياشتىن كېيىن بالىسىنى ئىمىتىشنى توختاتقانلارغا قارىتا، ئامال قىلىپ بالىلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنىڭ تەڭپۇڭ، كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى سۈت پاراشوكىغا باغلىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىشقا بولىدۇ.

 6. قانداق بالىلار سۈت پاراشوكى تەڭشەپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق؟

 ئەگەر ئانا يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا ياكى كېسەللىك مەنبەسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولسا ھەمدە يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياكى روھىي كېسەل، بىر قەدەر ئېغىر سۈت بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، شۇنىڭدەك كېسەل سەۋەبىدىن دورا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشكە ماس كەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللاردا بالىنى تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بىلەن سۈنئىي بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئانىلار ئەڭ ياخشىسى داڭلىق ماركىلىق، ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنى تاللىشى كېرەك. ئەگەر تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكىنىڭ ئوزۇقلۇق بەلگىسىنى ئانچە ئوقۇشنى بىلمىسە، بالىلار ساغلاملىقىنى ئاسراش دوختۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سېتىۋالسا بولىدۇ.

  سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن سۈت پاراشوكى مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەدرىجىي قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئادەتتە بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بالىغا سۈت پاراشوكى بىرىشنى توختىتىش؛ 2 ياشتىن كېيىن تولۇق قايماقلىق يېڭى سۈت ئىچىشكە ئۆزگەرتىش ھەمدە مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.