ماسكىنى تۆت سائەتتىن ئارتۇق تاقىسا، راستىنلا باكتېرىيە ئۆستۈرۈش قاچىسىغا ئايلىنىپ قالامدۇ؟
【发布时间】2021-08-18  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دېلتانىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردا يەنە بىر قېتىم يۇقۇم كۆرۈلدى. يېقىندا «ماسكىنى تۆت سائەت تاقىسا، باكتېرىيە ئۆستۈرۈش قاچىسىغا ئايلىنىپ قالغۇدەك» دېگەن خەۋەر مىكرو بىلوگلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، بۇ زادى راستمۇ؟ بۈگۈن بىز ماسكىغا ئائىت ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشايلى. 

  نەنكەي داشۆنىڭ تىببىي بىئو ماتېرىياللىرى- تىببىي پەنلەر دوكتورى يەن يا 颜雅)) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ماسكا تاقاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسىلا، ھاۋا ئۆتۈشمىگەنلىكتىن ماسكا ئاستىدە تۇرغان تېرىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى ياكى سەل ئۆرلەۋاتقانلىقىنى روشەن ھېس قىلالايمىز. يەنە كېلىپ نەپەس ئېلىش سەۋەبلىك ماسكا ئىچىمۇ تەدرىجىي نەملىشىدۇ. شۇڭا، ماسكا ئاستىدا تۇرغان جاي ئەمەلىيەتتە يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك، ئوكسىگېنسىز مۇھىت توپلانغان ئۇنۋېرىسال «باكتېرىيە باغچىسى» ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر ماسكىنى ئۇزاققىچە ئالماشتۇرمىغاندا، بۇ خىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك، ئوكسىگېنسىز مۇھىت-- نۇرغۇن تېرە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرىمىزنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھەر خىل باكتېرىيەلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ باكتېرىيەلەر بىلەن تېرە توسۇقى ئارىسىدا بىر نازۇك تەڭپۇڭلۇق ساقلىنىپ، تېرە ساغلاملىقىنى ساقلىيالايدۇ. لېكىن، ماسكا توسۇپ تۇرغان ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتسە، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تېرە مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ، تېرىنى غىدىقلايدىغان زىيانلىق ماددىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تېرىمىزنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېمپېراتۇرا ئۆرلىسە، تېرە ياغ بېزى ئاجراتمىلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، يۈز تېرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ياغ چىقىپ، تېرە رەڭگىنىڭ تۇتۇلىشى، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماسكا تاقىۋالغانلارنىڭ يۈز قىسمىنىڭ تۆۋەن ئوكسىگېنلىق مۇھىتى دانىخورەك پروپىئونى باكتېرىيەسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شۇڭا، ماسكا تاقىۋالغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى نۇرغۇن كىشى يۈزىگە يىرىڭلىق قاپارتقۇ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، بۇنداق بولۇشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن.

  ئەمەلىيەتتە، ماسكا ئاستىدىكى نەم ئىسسىق مۇھىت باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماسكا تاقاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ماسكىنىڭ قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما، «ماسكىنى تۆت سائەتتە ئالماشتۇرمىسا باكتېرىيە ئۆستۈرۈش قاچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن يەكۈننىڭ ئىلمىيلىكى يوق.

  نۆۋەتتە ماسكا بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، ماسكا سېتىۋېلىش بىر قەدەر قولايلىق. ئۇنداقتا، قولىڭىزدىكى ماسكا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنمۇ، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگىمۇ؟ سۈپىتى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماسكىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

  نەنكەي داشۆ تىببىي بىئو ماتېرىياللىرى- تىببىي پەنلەر دوكتورى يەن يا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئۈچۈن «بىرىنچىدىن تەكشۈرۈش، ئىككىنىچىدىن كۆرۈش، ئۈچىنچىدىن پۇراش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

  بىرىنىچىدىن تەكشۈرۈش دېگەنلىك: ماسكىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىدىن ئۇنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان گۇۋاھنامە (ئىسپات نۇمۇرى) نى كۆرەلەيمىز. كۆپچىلىك دۆلەت دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن بۇ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان گۇۋاھنامە نومۇرىنى تەكشۈرسە، ئېغىزىدىكى ماسكىنىڭ ماركا ئۆلچىمى بىلەن ماس كەلگەن- كەلمىگەنلىكىگە سىنچىلاپ قارىسا بولىدۇ. ئەگەر تىزىمغا ئالدۇرۇلغان گۇۋاھنامە نومۇرى بولمىسا، بۇ، ماسكا سۈپىتىنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك بۇنداق ماسكا يېتەرلىك قوغداش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ.

  ئىككىنچىدىن كۆرۈش دېگەنلىك: ماسكىنى قايچا بىلەن كەسكەندە، ئوتتۇرىدىكى بىر قەۋەتنىڭ ئېرىتىپ پۈركۈش قەۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان رەخت قەۋىتى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ قەۋەت ماسكىنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىقتىدار قەۋىتى ھىساپلىنىدۇ. ناۋادا بۇ قەۋەت بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ماسكىنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ماسكىنىڭ ياسىلىش ھۈنەر- سەنئىتىنى كۆرۈپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ. يەنى قۇلاق ئاسمىسى سىممېتىرىكمۇ؟ ئېلاستىكىلىقى ياخشىمۇ؟ ماسكىنىڭ بۈدۈر- چوقۇر يەرلىرى بارمۇ؟ سىرتقى يۈزى سىلىقمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ماسكىنىڭ ھۈنەر- سەنئەت سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. 

 «ئۈچنجىدىن پۇراش» دېگەنلىك: بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماسكىدا غەيرىي پۇراق بولمايدۇ. ئەگەر ماسكىدا روشەن غەيرىي پۇراق بولسا، مەسىلەن ئېچىغاندەك پۇرىسا، پاختىلىشىپ كۆكۈرۈپ قالغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش ياكى ساقلاش جەريانىدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ماسكىلارنىمۇ ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

相关阅读