ئادەمگە نىمىشقا ئەقىل چىشى چىقىدۇ؟
【发布时间】2021-08-30  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئەقىل چىشى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەڭ كېيىن چىقىدىغان چىش بولۇپ، ئۇ ئادەتتە چىش يايىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئادەتتە 1 تالدىن 4 تالغىچە چىقىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئۇدۇل چىشتىن باشلاپ چىش يايىنى بويلاپ ئىچىگە قارىتىپ سانىغاندىكى سەككىزىنچى چىش دەل ئەقىل چىشى ھىساپلىنىدۇ.

  ئەقىل چىشى ئادەتتە 18 ياشتىن 24 ياشقىچە ئارىلىقتا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەم فىزىئولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشكە يېقىنلاشقاچقا، بۇ ۋاقىتتا چىققان چىش «ئەقىل- پاراسەتنىڭ يېتىپ كېلىشى» نىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ «ئەقىل چىشى» دەپ ئاتالغان.

  ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەقىل چىشىنىڭ چىقىش ۋاقتىدا پەرق بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ 20 ياشتىن بۇرۇن چىقىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن چىقىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆمۈر بويى چىقمايدۇ، شۇنداقلا تۆت ئەقىل چىشىنىڭ ھەممىسى تولۇق چىقمايدۇ. 

  ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا، يېمەكلىكلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلىشى، ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ تەدرىجىي چېكىنىپ تارىيىشى، ئەقىل چىشىغا ئۆسۈش بوشلۇقى يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە سىقىپ چىقىرىلىپ، ئېڭەك سۆڭىكى ئىچىدە «ئۆسۈشى توسۇلۇپ» قالغان. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەقىل چىشى باشقا چىشلارنى سىقىپ چىقارغاچقا، باشقا چىشلار قالايمىقان چىقىپ، مەسىلە كۆرۈلگەن.

  پايتەخت تېببىي داشۆ قارمىقىدىكى بېيجىڭ «شىجىتەن» (世纪坛) دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋىراچ ۋاڭ لىشىن ئەسكەرتىپ: مۇنداق ئالتە خىل ئەقىل چىشىنى تارتقۇزۋېتىش تەكلىپىنى بەردى. 

 1. ئەقىل چىشى تاجى ئەتراپى قايتا- قايتا ياللۇغلانسا بۇنداق ئەقىل چىقىشىنى تارتقۇزۋېتىش كېرەك. 

 بۇ -- ئەقىل چىشىنى تارتقۇزۋېتىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئەقىل چىشىنى چوقۇم تارتقۇزۋېتىش كېرەك. ئەقىل چىشى گورىزونتال، تىك ئۆسۈشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاستى- ئۈستى بولۇپ قېلىش، پەس ئورۇندىن چىقىپ قېلىش قاتارلىقلار چىش تاجىنىڭ تولۇق چىقىپ بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، چىش مىلىكى چىش يۈزىنى قاپلايدىغان، چىش، چىش مىلىكى ئارىلىقىدا دائىم يېمەكلىك قالدۇقلىرى قىلىپ، ئاسان تازىلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئوڭايلا چىش تاجى ئەتراپى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ياللۇغنى ياخشى كونترول قىلمىغاندا، يۈز ئىششىپ، ئېڭەك بىلەن يۈز ئارىلىقى يۇقۇملىنىدۇ. 

  2. ئەقىل چىشىنى قۇرت يېسە تارتقۇزۋېتىش لازىم.

 ئەقىل چىشىنى چوڭقۇرراق قۇرت يېسە ياكى چىققان ئورنى توغرا بولمىسا، خۇشنا چىش يۈزى كامار بولۇپ قېلىش، چىش ئورنى چوڭقۇرراق بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە تارتىۋېتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. بولمىسا نېرۋا ئاغرىش، چىش يىلىكى ياللۇغى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  3. ئەقىل چىشى ئالدىغا قىيسىايغان بولسا يەنىلا تارتقۇزۋېتىش كېرەك. 

 ئەگەر ۋاقتىدا تارتىۋەتمىگەندە، ئەقىل چىشى بىلەن ئىككىنچى ئېزىق چىشنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چايناش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

  4. ئۇدۇل كەلمىگەن ئەقىل چىشىنمۇ تارتقۇزۋېتىش لازىم. 

 بۇنداق ئەقىل چىشى ئىزچىل ئۆسۈپ، چىش ئوقۇرى شىللىق پەردىسىگە تىگىپ، شىللىق پەردىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ. يېمەكلىكلەر مۇنداق بىرى ئېگىز، بىرى پەس چىشلارنىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىپ تازىلاش تەسكە چۈشكەچكە يېمەكلىك قالدۇقى يىغىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدا چىش مىلىكلىرى ياللۇغلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. 

  5. غەيرىي شەكىلدىكى چىشلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئەقىل چىشىنى تارتقۇزۋېتىش لازىم.

 ئەقىل چىشى چىققان ئورۇن باشقا چىشنىڭ چىقىش بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالسا، باشقا چىشلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قېلىش، شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چىشنى رەتلىك چىقىرىش، تۈزەتكەندىن كېيىن قايتا قوزغالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق چىشنى تارتقۇزۇۋېتىش كېرەك.

 6. چېكە- ئېڭەك بوغۇمىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتسە بۇنداق ئەقىل چىشىنىمۇ تارتقۇزۋېتىش لازىم.

 ئەقىل چىشى چىققان ئورۇن نورمالسىز بولسا چىشلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چېكە- ئېڭەك بوغۇمىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇغۇملاردىن قاس چىقىش، ئاغرىش، ئېچىلىش- يېپىلىش ئېغىزى چەكلىمىگە ئۇچراش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، تارتقۇزۋېتىش كېرەك. 

  ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 30 ياشتىن بۇرۇن ئەقىل چىشىنى تارتقۇزۇۋېتىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. 40 ياشتىن كېيىن قايتا تارتقۇزغاندا جاراھەت چوڭىيىپ كېتىدۇ. 13 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىل ئەقىل چىشىنى تارتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى.

相关阅读