باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزا ئارال كەنتىگە جايلاشقان كانچى سۇلۇق يەر باغچىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى
【发布时间】2019-10-03  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزا ئارال كەنتىگە جايلاشقان كانچى سۇلۇق يەر باغچىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلەر گۈزەل سۇلۇق يەر مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى، مول مەزىلىك سەھرا تائاملىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى. 

 باي ناھىيەسىدىكى كانچى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، كۈزنىڭ سالقىن ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى سۇلۇق يەردىكى ياغاچ يولدا سەيلە قىلغاچ سۈرەتكە چۈشسە؛ بەزىلىرى ۋېلىسىپىت مىنىپ باغچىدا سەيلە قىلىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدى. سىچۈەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ يۈەنپىڭ مۇنداق دېدى: بەك كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق. بىر ئائىلە كىشىلىرى شىنجاڭغا سەيلى- ساياھەت قىلغىلى كەلگەنتۇق، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىمۇ گۈزەلكەن، دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەپ، ۋېلىسپىت مىنسە بەك پەيزى بولىدىكەن. 

 كانچى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، سەھرا تامىقى يېيىش-- كەم بولسا بولمايدىغان ساياھەت تۈرى ھىساپلىنىدۇ. باغچىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدا، كاۋاپ، پولو، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كەپتەر شورپىسى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملار ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلىدى. ساياھەتچى جۇڭ شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكىلەر بەك قىزغىن ئىكەن. لەڭپۇڭ، كاۋاپ، پولو قاتارلىقلار شەھەرنىڭكىدىن كۆپ يېيىشلىك ئىكەن. 

 ساياھەتچىلەر ئويناپ ھارسا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئاچقان ئۆزگىچە سەھرا قونالغۇلىرىدا قوندى. كانچى يېزا ئارال كەنتنىڭ 1- شۇجىسى خۈي جيەنجۇاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردە، ساياھەتچىلەر كۈنسىرى كۆپىيىپ، كۈنىگە 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە ساياھەتچى كېلىۋاتىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئۆيلىرىدە كۈتۈۋېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى قىلىدىغانلار كۈنىگە 800، 900 يۈەندىن ئارتۇق ھەتتا مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ كۈنىگە 700، 800 يۈەندىن مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي 

相关阅读