قۇمقاناس مەنزىرە رايونى
【发布时间】2019-10-05  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ قۇمقاناس يېزىسى ئېلىمىز غەربىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان يېزا. قۇمقاناس 2000- يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئالتە چوڭ قەدىمىي كەنت بازىرىنىڭ بىرى»، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىگە ئىگە ئون چوڭ كەنتنىڭ بىرى» قاتارلىق شەرەپ ۋە ناملارغا ئېرىشتى. 2012- يىلى مەملىكەت بويىچە «ئېكولوگىيەلىك مەدەنىي كەنت» بولۇپ باھالاندى. 2013- يىلى «جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2014- يىلى «جۇڭگودىكى ئون چوڭ يۇرتنى سېغىنىش تىپىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى» دەپ نام بېرىلدى. 

▲ ھەممەيلەن «شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى قۇمقاناستا» دېيىشىدۇ. دەرۋەقە، ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى قۇمقاناسنىڭ تەبىئىي ۋە ئىپتىدائىي تاغ دالا مەنزىرىسىنىڭ قاتلاملىرى ئېنىق، رەڭدار ۋە تولىمۇ گۈزەل. پىروگرامما گۇرۇپپىمىزدىكى ھەر بىرەيلەن چەكسىز تەقەززالىق ئىچىدە قۇمقاناسنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىلىرىنى كۆرۈشكە ئالدىرىدۇق. قۇمقاناس كەنتىدە شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان قۇمقاناس دەرياسى بار. قۇمقاناس كەنتىنىڭ قەدىمىي ھېكايىلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ياقۇت كەبى كۆپكۆك دەريا سۈيى بۇ يەردە جىمجىت ئاقىدۇ.

▲ قۇمقاناس كەنتىگە كەلگەندە تۇنجى بولۇپ دېققىتىمىزنى تارتىدىغىنى كىچىك ياغاچ ئۆيلەر ۋە توپ- توپ قوي پادىلىرى بولۇپ، قارلىق چوققا، ئورمان، يايلاق، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ كىچىك ياغاچ ئۆيلەر يەرلىكتىكى تۇۋالارنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. كىچىك ياغاچ ئۆيلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى توپا ئاستىدا بولۇپ، يېرىم يىلغا يېقىن ياغىدىغان قېلىن قار بۇ يەرنىڭ تاغ يولىنى ئېتىۋالغان مەزگىلىدىكى قاتتىق سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ياغاچ ئۆيلەر قارىماققا ناھايىتى ئىپتىدائىي ۋە ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۆگزىنىڭ ئۈستى تەرىپى ياغاچ تاختا بىلەن ئىككى تەرەپكە ياي شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ يامغۇر سۈيىنى ئاقتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۆي گەۋدىسىنىڭ دىئامېتىرى 30- 40 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر قەۋەتلىك ياغاچتىن ياسىلىدۇ، بۇ ئىسسىق ۋە نەملىكتىن ساقلاش رولىغا ئىگە. 

▲ قۇمقاناستىكى زىيارىتىمىز سەھەردە باشلاندى. قۇمقاناس كەنتى ئەتراپىدىكى كىچىك تاغ باغرىدىن قۇمقاناس كەنتى ۋە قۇمقاناس دەرياسىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ يەردە تۇرۇپ يىراقتىن كۈن چىقىشنى، قارلىق چوققىلارنى، سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇلارنى؛ يېقىندىن تۇۋالارنىڭ ئۆيلىرى، كۈن چىقىش، سەھەردىكى تۇمان، ياغاچ ئۆي، قۇمقاناس دەرياسى قاتارلىقلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، مەيلى سۈرەتكە تارتىش ياكى مەنزىرە كۆرۈشتە بولسۇن، ئەڭ ياخشى مەنزىرە نۇقتىسى ھېسابلىناتتى. كۈن چىقىش مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورنىمىزدىن سەھەر تۇرۇپ كەتتۇق ھەمدە قۇمقاناس كەنتىنىڭ غەربىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا بېرىپ، قۇمقاناسنىڭ داڭلىق كۈن چىقىش مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەييارلاندۇق.

▲ سەھەردە، پۈتكۈل تاغ باغرى كۈن چىقىشنى كۆتۈۋاتقان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى، ھەممەيلەن سەھەردىن بۇرۇنقى تۇنجى ئۇپۇق نۇرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى، قۇمقاناسنىڭ تاڭ نۇرىدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈن چىقىش مەنزىرىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. زىمىن ئاستا- ئاستا يورۇشقا باشلىدى. كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان قۇياش سەھەر ئاسمىنىغا بىر قەۋەت قىزىللىق ئاتا قىلدى. دەريا جىلغىسىدىكى سۇس تۇمان ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، غۇۋا كەنتنى قاپلىدى. يىراقتىكى تاغ قاپتىلى، دەل- دەرەخ، ئۆي، قاشالارنىڭ ھەممىسى تۇمان ئىچىدە گۇڭگا كۆرۈنۈپ، خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك خىيالىي تۈسكە كىردى. تۇنجى قۇياش نۇرى شەبنەملەردىن بالقىپ ئۆتۈپ، ياغاچ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى، قاشا ئارىسىغا ئاستا- ئاستا چۈشۈپ، ئۇزۇن ۋە تال- تال نۇر سىزىقچىلىرىنى ھاسىل قىلدى. قارىماققا ئۇ، خۇددى زېمىننىڭ كىشىلەرگە شادلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن سەكرەپ يۈرگەن نوتىلىرىغا ئوخشايتتى. 

▲ كۈز كىرگەندىن بۇيان، قۇمقاناس مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋاپتۇ. بۇ يەردىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېسىل سەھرا قونالغۇلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. بىزمۇ بۇ ياتاقلارنى كۆرۈپ، ئۇلار ھەققىدە بىۋاسىتە تەسىراتقا ئېرىشمەكچى بولدۇق. قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدا تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېسىل سەھرا قونالغۇسىدىن 12 سى بولۇپ، تىجارەت قىلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەر كۈنى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق توشىدىكەن. شۇڭا، ساياھەتچىلەر ئاز دېگەندە 10 كۈن بۇرۇن توردا زاكاز قىلىشى كېرەك ئىكەن. 

▲ بىز «چيۇمىڭ تاغتۇرا» سەھرا قونالغۇسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئالدىن زاكاز قىلىنغان كود بويىچە ئاپتوماتىك كود سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئۆزگىچە ياغاچ قۇرۇلمىلىق ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. ياتاقتىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز سىستېمىسى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىنىدىكەن. مەسىلەن، ساياھەتچىلەر چىراغ يېقىش، تېلېۋىزور ئېچىش، دېرىزە پەردىسى ئېچىش، مۇزىكا قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاۋازلىق بۇيرۇق ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىكەن. يۈننەندىن كەلگەن ساياھەتچى دىڭ جىجې مۇنداق دېدى: «تۇنجى تەسىراتىمدا، سىرتتىن قارىغاندا بۇ يەر ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنگەن. لېكىن، ياتاق ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە نۇرغۇن يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق نەرسىلەر، نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى بارلىقىنى بايقىدىم، ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن». 

▲ «چيۇمىڭ تاغتۇرا» سەھرا قونالغۇسىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ چاڭشۈن بىزگە مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە پۈتكۈل قورونىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنە بىر مۇلازىمەت ئەترىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قونالغۇنىڭ كېڭىيىشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەچۈرمىش ۋە تەسىرات ئېلىپ كېلىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمقاناس مەنزىرە رايونى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنت تارىخىي قىياپىتىنى قوغداش ئاساسىدا، سەھرا قونالغۇسىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈۋېلىش سەۋىيىمىز ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنى ئۆستۈردۇق». نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونىدىكى 183 سەھرا قونالغۇسىنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەندى. شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى فۇ جۈن: «ئۇدا نەچچە يىل قۇمقاناسقا كەلگەن بولساممۇ، ھەر يىلى كېلىپ ھېس قىلغانلىرىم ئۆزگىچە بولىۋاتىدۇ، يۇيۇنۇش، سىملىق تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىقلار يىلدىن- يىلغا ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ» دېدى. 

▲ گەرچە قۇمقاناس كەنتى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممە يەرنى ئايلىنىپ بولۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇڭا، قۇمقاناسنى ئاتلىق ساياھەت قىلىش كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ بىرى. قۇمقاناستىكى چارۋىچى ئېركىن خۇشال ھالدا بىزگە، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئات ئىجارە ئالغىلى كېلىدىغانلىقى، ئۆزى كىچىكىدىن ئات ئۈستىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋىردە ئات بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدا ئات ئىجارىسى بىلەن شوغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتقان چارۋىچىلارنىڭمۇ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى پارلىدى. ئېركىنگە ئوخشاش چارۋىچىلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ يەردىكى ھەممىمىز ئاتنى يېتىلەپ يول بويىدا ساياھەتچىلەرنى ئات مىنىشكە تەكلىپ قىلاتتۇق، ئەينى چاغدا تىجارەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، ئومۇمىي مۇلازىمەت ئېڭىمىزمۇ يوق ئىدى، ئات ئىجارىگە بەرگەندە دائىم ئۆزئارا ناچار رىقابەت پەيدا بولۇپ، پۇل تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە مەنزىرە رايونىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلار بولۇپ قالاتتى. ھازىر بۇنداق ئەھۋال ئاساسەن يوق دېيەرلىك».

相关阅读