ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ داڭلىق يازغۇچى ماۋدۇن ئۆزىنىڭ «ئاق تېرەككە مەدھىيە» دېگەن ئەسىرىدە: «ئۇ بىر تولىمۇ ئاددىي ئاق تېرەك، شۇنداقلا غەربىي شىمالدىكى ئەڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر خىل دەرەخ» دەپ يازغان. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى بارلۇق تېغى ئېتىكىدە تېخىمۇ ئۆزگىچە بىر تۈپ ئاق تېرەك بار، ئۇ قەيسەرلىك ۋە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەم قوغداشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

▲ «بىر تۈپ ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىنىڭ يېنىدا ئۆسكەن». ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بۇ ئازادلىق ئارمىيە مارشى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى بولۇپلا قالماي، ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دېققەت ئېتىبارىغا نائىل قىلغان. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنى سەپەر پىلانىدىكى مۇھىم بىر بېكەت، دەپ بىلىپ، ناخشىدا تەسۋىرلەنگەن ئاق تېرەكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ناخشىدىكى چېگرا رايون مۇھەببىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ باقماقچى بولدى. 

▲ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، 70- 80 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن، ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىغا يېتىپ باردۇق. بارلۇق تېغىنىڭ كۈز شامىلىغا ئەگىشىپ نەزىرىمىزنى يىراقلارغا ئاغدۇرغىنىمىزدا، بورقان دەريا بويىدىكى نامسىز ئېگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر مۇنارنى كۆردۇق. مۇنارنىڭ سىرتى رەڭلىك نىقاب شەكلىدە سىرلانغان بولۇپ، خۇددى تولۇق قوراللانغان جەڭچىگە ئوخشاش پۈتۈن زېھنى بىلەن چېگرا لېنىيەسىدىكى ھەر بىر تال گۈل- گىياھقا دىققەت قىلىپ، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. قاراۋۇلخانىغا كىرگىنىمىزدە، مۇنار ئالدىدىكى «خەلقتە ئېتىقاد بولسا، دۆلەتتە كۈچ- قۇدرەت، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ» دېگەن ئۈچ قۇر خەت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. ئۇدۇل تەرىپىمىزدە «ۋەتىنىم قەلبىمدە» دېگەن خەتلەر ئالتۇندەك چاقناپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق مۇنارنىڭ چوققىسىدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. مۇنار ئالدىدا بىر تۈپ ئاق تېرەك بولۇپ، ئۇ قۇياش نۇرىدا كۈمۈشتەك جۇلالىنىپ، ئاجايىپ تارىخنى ئۈنسىز بايان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

▲ بىز ھاياجانلانغان ھالدا ئاستا قەدەملەر بىلەن ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، سارايدىكى ھەر بىر تەپسىلاتنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەر بىر ھېكايىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلىدۇق. بىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىدە قويۇلغان مەزمۇنلار ئىدى. ئۇنىڭدا ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرى، سادىق قوغدىغۇچىلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن يېزىلغان تەسىرلىك ھېكايىلىرى، ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قەيسەر چىرايلار، جانلىق سىمالار، پۇختا بېسىلغان ھەر بىر ئىزلار ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن ئىدى. 

▲ ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى 1962- يىلى 8- ئايدا قۇرۇلغان. ئۇ ئەسلىدە تاستى چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى ئىدى. كېيىن «ئاق تېرەك» دېگەن ناخشا بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى» دەپ نام بېرىلگەن. 

▲ 1983- يىلى ئەتىيازدا قاراۋۇلخانىدىكى شىبە جەڭچى چېڭ فۇشېڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيە سۈنجاچىنىرۇ يېزىسىغا تۇغقان يوقلاپ بارغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى شاد- خۇرام ھالدا بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقاندا، ئۇ قاراۋۇلخانىنىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە سەپداشلىرىنىڭ چېگرانى قوغداش، ۋەتەننى قوغداشتىكى بەزى تەسىرلىك ئىش- ئىزلىرىنى چەكسىز پەخىرلەنگەن ھالدا سۆزلەپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراۋۇلخانا تۇرمۇشىنىڭ بىر خىل رېتىمدا، مەنىسىز ئىكەنلىكى ھەمدە سەپداشلىرىنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىنقىلابىي قۇربان سۈن لوڭجېن توغرىسىدىكى ۋەقەلىك چېڭ فۇشېڭنىڭ ئانىسىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن. چېڭ فۇشېڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ قىسىمغا قايتىدىغان كۈنى ئانىسى ئۆزى ئۆستۈرگەن 20 تۈپ ئاق تېرەك كۆچىتىنى ئوغلىغا تاپشۇرۇپ، قايتا- قايتا: «شىبەلەرنىڭ دۆلەتنى، چېگرانى قوغداش ئەنئەنىسى بار، بالام ئەجدادلارغا ئوخشاش قىسىمدا ياخشى ئىشلە، بۇ كۆچەتلەرنى چوقۇم ئەي قىل، ئاق تېرەكلەر سىلەرگە ھەمراھ بولۇپ ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى ياخشى قوغدىسۇن» دەپ تاپىلىغان. 

▲ چېڭ فۇشېڭ قاراۋۇلخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جەڭچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاق تېرەك كۆچىتىنى قاراۋۇلخانا ئەتراپىغا تىككەن. ئەينى چاغدا چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسىدىكى جەڭچىلەر ئىچىدىغان سۇنىمۇ دەريا جىلغىسىدىن توشۇپ ئەكىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى يۈزىنى يۇيۇپ، چىشىنى چوتكىلاپ تېجەپ قالغان سۇ بىلەن ئاق تېرەكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغارغان بولسىمۇ، ئەمما كۆچەتلەر يەنىلا قۇرغاقچىلىق، قۇم- بوران، قەھرىتان سوغۇقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، كەينى- كەينىدىن قۇرۇپ كەتكەن ھەمدە 20 تۈپ ئاق تېرەك ئىچىدە پەقەت بىر تۈپىلا ئەي بولغان. بۇ بىر تۈپ كۆچەت ئاستا- ئاستا چوڭ بولۇپ، جەڭچىلەرنىڭ كېچە- كۈندۈز قاراۋۇللۇق قىلىپ، چېگرا رايوننى قوغدىشىغا ھەمراھ بولغان. 

相关阅读