دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن ساياھەتچى​ ئىلىنىڭ رەڭدار كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئورمانلىقلار گۈزەل كۈز مەنزىرىسىگە كىردى. نۇرغۇن ساياھەتچى بەس- بەستە بۇ يەرگە كېلىپ، ئىلىنىڭ رەڭدار كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى.

 

 ئالتۇن كۈز پەسلىدە، نارات يايلىقىنىڭ ھاۋاسى سالقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى قىلچىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى. يىراققا نەزەر سالغاندا، يايلاق، ئورمان، قارلىق تاغلار ئاجايىپ رەڭدار مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى ليۇ فاڭنى ئاجايىپ ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم چۇڭچىڭدىن مەخسۇس ئالتە سائەت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كەلدىم. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن. شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، تېخىمۇ كۆركەم ئىكەن. «شىنجاڭغا كەلمىگۈچە ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىنلا ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلدىم.

 

 قورغاس ناھىيەسىدىكى جۇڭخۇا فۇشۇشەن مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا، يەنە بەس- بەستە ئەينەكلىك ئاسما يول، توردا داڭق چىقارغان كۆۋرۈك، ئەينەكلىك سۇ تېيىلىش ئورنى قاتارلىق ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىدىن رازى بولۇشتى. سانجىلىق ساياھەتچى چېن شۈەي مۇنداق دېدى: توردا داڭق چىقارغان بۇ كۆۋرۈككە يېڭىدىن چىققاندا سەل جىددىيلەشتىم. ناھايىتى قىزىقارلىق، ناھايىتى ياخشىكەن.

 

 قورغاس ناھىيەسىدىكى جۇڭخۇا فۇشۇشەن مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۆرۈلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قارىتا، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇردى. مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ جياڭيەن مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۈنسېرى كۆپىيىپ، كۈنىگە 3 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز. ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلىرىمىزنى مۇۋاپىق كۆپەيتتۇق. بېلەت تەكشۈرۈش، بېلەت سېتىش، ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردۇق.

 

 ئىككى كۈندىن بۇيان، قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدە تېرىلغان 2 مىڭ مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇستىن مول ھوسۇل ئېلىندى. سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس گۈلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. سىگۇڭ كەنتىدىكى دېھقان لىڭ جى ئاچقان سەھرا قۇنالغۇسى مىھمانلار بىلەن لىق تولدى. لىڭ جى مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق 7 كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، توردا ياتاق زاكاس قىلىش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە يەتتى. سودىمىز ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

 

相关阅读