دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تيانشان بوغدا كۆلى​ مەنزىرە رايونى كۈنىگە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، مەنزىرە رايونى كۈنىگە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

 كەچ كۈزدىكى تيانشان بۇغدا كۆلىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئاپپاق بۇلاتلار، قاتمۇ- قات ياپيېشىل ئورمانلىق، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، ھەيۋەتلىك قارلىق چوققا بۇغدا كۆلىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. ساياھەتچىلەر بەس- بەستە يان تېلېفون ۋە فوتو ئاپپاراتلىرىنى چىقىرىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىشتى. شەنشىلىك ساياھەتچى ليۇ سۇجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بوغدا كۆلىنىڭ تەرىپىنى دائىم ئاڭلاپ تۇراتتىم،بۇ يەرگە كېلىپ ھەقىقەتەن گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم. بۇغدا كۆلىنى قاتمۇقات تاغ ۋە بۇلۇتلار ئوراپ تۇرىدىكەن، بۇ يەر تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل ئىكەن.

  گۈزەل مەنزىرە ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە دۆلەت بايرىقى، يۈز چاپلىقى قاتارلىقلارنى ھەقسىز تارقىتىپ، بايراملىق كەيپىيات بەرپا قىلدى. بېلەت سېتىش زالىدىكى LED چوڭ ئېكرانىدا دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات ۋە ئامما نامايىشى قايتا- قايتا تەكرار كۆرسىتىلدى، بوغدا كۆلى بويىغا ياڭراتقۇ قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىلدى. بېيجىڭلىك ساياھەتچى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى رەڭگارەڭ مەنزىرە، سۈپسۈزۈك سۇ، كۆپكۈك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلارنى كۆرۈپ، مېھرىمىزنى ئۈزەلمەي قالدۇق. مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈنلەردە، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال- خۇرام ئىشلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

  تيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، ئورگانلاردىن كادىرلارنى ئاجرىتىپ، 1- سەپتە تۇرۇپ ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەش، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، مۇھىت ئاسرايدىغان، سۇ تېجەيدىغان كۆچمە تازىلىق ئۆيىدىن ئىككىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. تيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تەشۋىقات- تەربىيە قانۇن- نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنيى مۇنداق دېدى: 10 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەر كۈنى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق. ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا قىزىل ناخشا ئېيتىش، كۆلنى ئايلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، دويىن مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلدۇق.

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر

相关阅读