ئۇلۇنگۈر كۆلى مەنزىرە رايونى
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 بۈگۈن شىنجاڭدىكى 2- چوڭ بېلىقچىلىق بازىسى بولغان گۈزەل ئۇلۇنگۈر كۆلىگە كەلدۇق. ئۇلۇنگۈر كۆلى جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى 10 چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولۇپ، «جۇڭگو سۇلۇق يەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۇلۇق يەر تىپىغا تەۋە كۆل. ئۇلۇنگۈر كۆلى يەنە «بۇرۇلتوقاي كۆلى»، «داخەيزى» دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. كۆل ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 35 كىلومېتىر، كۆل يۈزى كۆلىمى 827 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇلۇنگۈر دەرياسىنىڭ سۈيى ئالدى بىلەن جېلىل كۆلىگە قۇيۇلۇپ، غەربىي شىمالدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاندىن سەككىز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۇيگى دەرياسى ئارقىلىق ئۇلۇنگۈر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. 

  ئۇلۇنگۈر كۆلىنى تۇنجى كۆرگەن كىشىگە بۇ كۆل خۇددى چەكسىز ئايىغى كۆرۈنمەس كۆلدەك، بىر چېتى ئاسمانغا تۇتاشقان، كۆل بىلەن ئاسمان بىر گەۋدىگە ئايلانغاندەك بىلىنىدۇ. بىپايان چۆللۈكتە پەيدا بولغان زۇمرەتتەك كۆلنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز. ئەزەلدىن دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان مېنىڭ نەزىرىمدە بولسا دېڭىزنىڭ شەكلى خۇددى مۇشۇ كۆلگە ئوخشايتتى. كۆل بويىدىكى قومۇشلار بىر- بىرىگە تۇتىشىپ، سۇ قۇشلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بېلىقچى كېمىلىرى كۆلدە ئۈزۈپ يۈرەتتى. كۆل بويىنى بويلاپ ماڭغاندا، ھەممىلا يەردە قۇشلار سىزگە ھەمراھ بولۇپ گاھى كۆل يۈزىدە ئەركىن- ئازادە ئۇچۇشسا، گاھى قوشماق بولۇشۇپ بىر- بىرىنى قوغلىشىپ، بەزىدە كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىشاتتى. بەزى قۇشلار ئازراقلا شامال چىقىپ، يىنىك تەۋرىنىش بولسا، ھوشيارلىق بىلەن دەرھال ئۇچۇپ، يىراقتىكى ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا قونۇپ، بىنورمال شەپىلەرنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇراتتى؛ بەزى قۇشلار ئادەمدىن ئازراقمۇ قورقمايدىغان بولۇپ، يەنە ئالايىتەن يېنىڭىزغا كېلىپ يېقىملىق سايراپ، ناھايىتى قىزغىن، دوستانىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. 

  شۇ جايدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلۇنگۈر كۆلىگە كەلگەندە چوقۇم موگۈيچېڭنىڭ كەچكى شەپەق نۇرىغا تولغان گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈش كېرەك ئىكەن. شۇڭا، بىز توختىماي كېيىنكى بېكەتكە بېرىپ، ئۇلۇنگۈر كۆلىدىكى شەپەق مەنزىرىسىنى كۈتتۇق. «كۆل موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونى» بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 14 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 270 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت رەسىم كارىدورى» دىكى مۇھىم تۈگۈن. مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيە بايلىقى مول بولۇپ، گۈزەل كۆل مەنزىرىسى، مول ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە سۇ ئۈستى يارداڭ يەر شەكلى بار. 

 بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «كۆل موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونى» كۆل قىرغىقىنى بويلاپ 20 نەچچە كىلومېتىر دائىرىگە سوزۇلغان بولۇپ، يامغۇر سۈيىنىڭ ئۇپرىتىشى نەتىجىسىدە چوقچىيىپ چىققان يارداڭ يەر تۈزۈلۈشى ھاسىل بولغان. ھەيۋەتلىك، تۇتاش ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆزگىچە يەر شەكلىگە ئىگە. بىز ساياھەت ۋە سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇچىراتتۇق. خۇنەنلىك ساياھەتچى فۇ يۈلىن ھاياجانلانغان ھالدا بىزگە: «بۇ بىر خىل كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىزىم، كىشىگە ناھايىتى كۈچلۈك، ھەيۋەتلىك، ئىگىلمەس تۇيغۇ بىردىكەن. تۆۋەن تەرەپكە قارىغاندا تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، خۇددى ئاسمان بىلەن كۆل بىر گەۋدىگە ئايلانغاندەك تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدىكەن، ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بىردەك ئىكەن» دېدى. 

 بىزگە ھەمراھ بولغان مەنزىرە رايونى خىزمەتچىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ بۇ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغانلىقى، مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، يول، ياغاچ قۇرۇلمىلىق يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياسىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كۆل موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونى» ئاساسىدا ئۈچ ئېسىل ساياھەت لېنىيەسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئالتۇن كۆل ساھىلى، كۆل بويى مەنزىرىسى، كۆل ئۈستى موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونى يارداڭ يەر شەكلى قاتارلىقلارنى فۇخەي ئاقئۆتكەل ئۆرپ- ئادەت كەنتى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى پۈتكۈل ئايلانما لىنىيەدە ھەم ساياھەت قىلىش ھەم شۇ جاينىڭ مول، رەڭدار ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. 

 ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ مەنزىرىسى كۆركەم، سۇ مەھسۇلاتلىرى مول بولۇپ، «چۆلدىكى دېڭىز» دېگەن نامى بولۇپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شېركىتى مەبلەغ سېلىپ «كۆل موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونى» نى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۇلۇنگۈر كۆلى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ، ئۇنى ئالتاي ساياھەت لېنىيەسىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندۇردى. شېركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى، لېدىرى خۇ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، كۆل موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خېلې بېلىقچىلىق كەنتى، داخەيزى، كۆل ئايلانما تاشيولى، كۈمۈش قۇم ساھىلى قولتۇقى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بىر تۇتاش بەرپا قىلىپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئۇلۇنگۈر كۆلى مەنزىرە رايونىنى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

 ئۇلۇنگۈر كۆلىگە بارغاندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتىنى چوقۇم ھېس قىلىپ بېقىش لازىم. بېلىقچى جۇ خۇخەي ئائىلىسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشى ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە بېلىق تۇتۇشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، جۇ خۇخەي بېلىقچىدىن بېلىقچىلىق كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپتۇ ھەمدە بارلىقى بىلەن ئۇلۇنگۈر كۆلىنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپتۇ. جۇ خۇخەي كارخانا خىزمەتچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى باشقا بېلىقچىلارغا ئوخشاش ئۆزى ياسىغان قولۋاق، بېلىق تۇتۇش تورى قاتارلىق سايمانلارغا تايىنىپ بېلىق تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئىلگىرىكى ئۇلۇنگۈر كۆلىدە بېلىقچىلار چوڭ- كىچىك بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى ھەيدەپ، پەسىل ئايرىماي بېلىق تۇتاتتىكەن، تورغا ھەتتا بەزى بېلىجانلارمۇ ئىلىنىپ چىقاتتىكەن. نۇرغۇن بېلىقلار سېتىلماي، ئاخىرى قۇرۇتۇلغان بېلىققا ئايلىنىدىكەن. 

 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇلۇنگۈر كۆلىدە 20 نەچچە خىل بېلىق تۈرى بولسىمۇ، زىيادە بېلىق تۇتۇش سەۋەبىدىن، ئۇلۇنگۈر كۆلىدىكى جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، بىر قىسىم ئاز ئۇچرايدىغان بېلىق تۈرلىرىنىڭ نەسلى بىر مەھەل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپتۇ. يەنە بېلىق تۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھەممىسىنى كارخانىغا ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇپتۇ. جۇ خۇخەيمۇ شۇ سەۋەبتىن بېلىقچىدىن كارخانا خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى تۇتقان بېلىقلىرىنى شېركەتكە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن، شىركەت ساتىدىكەن، بىر كىلوگرام بېلىق تۇتسا ئالتە يۈەن ھەق ئالىدىكەن. بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىنى بېكىتىش، بېلىق تۇتۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سۈنئىي قويۇپ بېرىش، كۆندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلۇنگۈر كۆلى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ. كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولغان جۇ خۇخەي ئەتراپىدىكى بېلىقچىلارنى ئۇلۇنگۈر كۆلىنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپتۇ. بېلىق تۇتۇش مەزگىلىدە، جۇ خۇخەي ئۆلچەمگە توشمايدىغان بېلىق ۋە ئاز ئۇچرايدىغان بېلىق تۈرلىرىنى ئاڭلىق قويۇپ بىرىپتۇ. بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىدە، ئۇ كېمە ھەيدەپ كۆلنى چارلاپ، بىر قىسىم قانۇنسىز قارماق تاشلىغۇچىلار ۋە بېلىق تۇتقۇچىلارنىڭ كۆلگە كېلىپ بېلىق تۇتۇشىنى توسۇپتۇ. 

 ھازىر دەل ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ بېلىق تۇتۇش مەزگىلى. ھەر كۈنى تاڭ ئەمدىلا يورۇغان ۋاقىتتا، جۇ خۇخەي بېلىقچىلىق كېمىسىنى ھەيدەپ كۆلگە چىقىپ، تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇشنى باشلايدىكەن. گەرچە بېلىق تۇتۇش ئىنتايىن جاپالىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك دولقۇنلاۋاتقانلىقى، بېلىقلارنىڭ ئويناقشىپ ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جۇ خۇخەيمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپتۇ. 

  سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، كۆل چارلاش قوشۇنىنى پائال زورايتىپ، قۇشلارنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش ماكانىنى نۇقتىلىق چارلاش نۇقتىسى قىلىپ، كۆل رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقىنى كۆپەيتىپ، كۆل رايونىنى قەرەللىك تازىلاپ، ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداپتۇ. 

 ھەممەيلەن «شىنجاڭدا بېلىق يېيىش ئۈچۈن چوقۇم ئالتايغا بېرىش كېرەك» دېيىشىدۇ. ۋەھالەنكى، ئالتاينىڭ ئەڭ يېيىشلىك بېلىقى بۇرۇلتوقايدا. ئۇلۇنگۈر كۆلىگە بارغاندىن كېيىن چوقۇم داڭقى ھەممە يەرگە تارالغان «بۇرۇلتوقاي بېلىق زىياپىتى» گە داخىل بولمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇلۇنگۈر كۆلىدە بايقال ياروسو بېلىقى، دەريا ئوكۇن بېلىقى، يانتۇ چىشلىق ئاكۇلا، شەرق جىڭ ئوكۇن بېلىقى، يۇمىلاق قورساق ياروسو بېلىقلىرى، كۈمۈش ئوكۇن بېلىقى، دىڭكا بېلىقى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە بېلىق مەھسۇلاتى تەخمىنەن 3 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 مىڭ 500 توننىغا يېتىدۇ. بۇ، شىنجاڭ بويىچە بېلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. بۇرۇلتوقاي بېلىق زىياپىتىدە بېلىقنى دۈملەپ قىزارتىپ پىشۇرۇش، مايدا پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك پىشۇرۇش ئۇسۇلىرى بار. ھەر خىل خۇرۇچلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قورۇمىلار خۇددى رەسىمگە ئوخشاش خىلمۇ- خىل شەكىللەردە چىقىرىلىدۇ، بەزى بېلىقلار تىيىنغا، بەزىلىرى توزغا، يەنە بەزىلىرى غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ. بېلىق زىياپىتىگە ئىشلىتىلگەن بېلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۈر كۆلىدىن چىققان. بۇ يەردىن چىقىدىغان بېلىق تۈرى 23 خىل بولۇپ، يۈز خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان قورۇما تەييارلىغىلى بولىدۇ. 

 بۇرۇلتوقايغا بارغاندا بېلىق يېگەندىن باشقا، يەنە چوقۇم بۇ يەرنىڭ مەززىلىك تۆگە سۈتىنى تېتىپ بېقىش كېرەك. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۆگە بېقىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە تۆگە ئەڭ كۆپ چىقىدىغان رايونلارنىڭ بىرى. ئەمما، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، تۆگە ئاساسلىقى چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈش قۇرالى ئىدى، تۆگە سۈتىنىمۇ چارۋىچىلار ئۆزلىرى ئىستېمال قىلاتتى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى «تۆگىگە غايەت زور سودا پۇرسىتى يوشۇرۇنغان، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق كۆلەملەشكەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دەپ قاراپ، ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ناھىيە بويىچە بېقىلغان تۆگە سانىنى 3 مىڭدىن 20 مىڭغا يەتكۈزدى. ھازىر ناھىيەدىكى تۆگە باققۇچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. 

 بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە تۆگە يەنە ساغلاملىق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئارام ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سانائەت ساياھىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان تۆگە بازىرى قۇرۇلۇشىدا يېقىندا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 380 مو بولۇپ، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە مۇددەتكە بۆلۈپ پۈتتۈرۈش پىلانلاندى. بۇ تۈرگە تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. تۆگە بازىرىدا ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرى، تۆگە مۇزېيى، تۆگە ئاساسىي تېما باغچىسى ھەمدە ئۆرپ- ئادەت تەسىرات كوچىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، تۆگە كەسپى زەنجىرى يەنىمۇ ئۇزارتىلىدۇ. چارۋىچىلىقنىڭ ئېشىش شەكلى ئۆزگەرتىلىپ، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چارۋىچىلىق بىلەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئەڭ ياخشى بىرىكىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 

 پەن- تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئارقىلىق، تۆگىچىلىك كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلدى. شېركەت شىنجاڭ داشۆ بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ تۆگە كەسپى تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇپ، تۆگە مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ۋە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆگە سۈتى گىرىم بۇيۇملىرى، تۆگە سۈتى ساغلاملىق بۇيۇملىرى، تۆگە گۆشى بىئولوگىيىلىك دورا ياساش كەسپى قاتارلىق تۈرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىپ، ئىش باشلىدى. نۆۋەتتە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۆگە مەھسۇلاتلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە، چەتئەللەردىكى ئامېرىكا، ياپونىيە، يېڭى زىنلاندىيە، مالايسىيا، ھىندىستان، ۋېيتنام بازارلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ.

 ئەگەر، بەش بەختنىڭ ھەممىسى توپلانغان جاي بار، دېيىشكە توغرا كەلسە، جۇڭگو تۆگە ماكانى، سېرىق قاشتېشى ماكانى بولغان بۇرۇلتوقاي ساياھەتچىلەر ئالدىن تاللايدىغان مەنزىللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى قىش كىرىشى بىلەن بۇرۇلتوقايدىكى ئۇلۇنگۈر كۆلى بويىدا كاتتا قىشلىق بېلىق تۇتۇش ساياھەت مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قىشتا ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جايى. ئۇلۇنگۈر كۆلىدىكى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى بۇرۇلتوقايدىن ئىبارەت بۇ كىچىك شەھەرنىڭ نامىنى يىراق- يېقىنغا تاراتتى. قەھرىتان سوغۇقتا ئۇلۇنگۈر كۆلىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسقا چۈشىدۇ. قەھرىتان سوغۇق بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە قىشلىق بېلىق تۇتۇشتەك ئالاھىدە جانلىنىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

  قىش پەسلىدە تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇش بۇنىڭدىن 270 نەچچە يىل ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى ئەتراپىدىكى كۆل- ئېقىنلاردىن باشلانغان، كېيىن ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى ئەتراپىدىكى رايونلارغا كىرگۈزۈلگەن. 1958- يىلى ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇنجى قىشلىق بېلىق تۇتۇش ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، جىلىننىڭ تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى ئۇلۇنگۈر كۆلىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ خىل ھەيۋەتلىك قىشلىق بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ مۇھىم بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ھەمدە مۇھىم ساياھەت بايلىقىغا ئايلاندى. 

  «قىشلىق بېلىق تۇتۇش» بۇرۇلتوقاينىڭ ئۆزگىچە قىشلىق ساياھەت تۈرى. ناھىيە تەۋەسىدىكى «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى» نىڭ بىرى بولغان ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى 1 مىڭ 35 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قىش پەسلىدە كۆل يۈزىدىكى مۇزنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىرغا، يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. قىش پەسلىدە كۆلدە تۆشۈك تېشىپ تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇش ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۈر كۆلىدە 13 نۆۋەت قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ئۆتكۈزدى. 2020- يىلى 1- ئايدا 14- نۆۋەتلىك قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇرۇلتوقايغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر بېلىق زىياپىتىگە داخىل بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ قىشلىق بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدۇ. بۇ قىشلىق بېلىق تۇتۇش، مۇز ئۈستى ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاختى كەلگەندە ساياھەتچىلەر يەنە شۇ جاينىڭ مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 

 ئۇلۇنگۈر كۆلى رايونى-- قومۇشلار قويۇق ئۆسكەن، كۆل بويى سۇلۇق يەرلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، نۇرغۇن پەسىل قۇشلىرى كۆچۈپ ئارام ئالىدىغان ۋە كۆپىيىدىغان ھاياتلىق ماكانى. شۇڭا، ئۇلۇنگۈر كۆلى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى قۇش ھەۋەسكارلىرى ئەڭ ئىنتىلىدىغان جاي بولۇپ قالغان. ئۇلۇنگۈر كۆلىدىكى چوڭ- كىچىك كۆل قولتۇقلاردا سۇ قۇشلىرى توپلىشىپ بەزىدە سۇدا ئۈزۈپ ئوينىسا، بەزىدە ئۈچ- تۆتتىن ئۇچۇشۇپ، ئاخىرىدا بارلىق قۇشلارنى يېتەكلەپ ئاسماندا ئۇچۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خۇددى رەڭگارەڭ بۇلۇتلارغا ئوخشاش چىرايلىق كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلاتتى. ئۇنىڭغا تۈرلۈك قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ، ھەيۋەتلىك ھاياتلىق سىمفونىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرەتتى. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇلۇش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلۇنگۈر كۆلىدە پەسىل خاراكتېرلىك بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش يولغا قويۇلۇپلا قالماي، ئۇلۇنگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بەرپا قىلىنىپ، مەخسۇس ئۇلۇنگۈر كۆلى سۇلۇق يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، 127 مىڭ 115 گېكتار سۇلۇق يەرنى قوغداش رايونى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، ئۇلۇنگۈر كۆلىنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. بۇنىڭ بىلەن، سۇلۇق يەر مۇھىتىدا ياشاۋاتقان ھەر خىل پەسىل قۇشلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ خاتىرىلىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۇلۇق يەر مۇھىتىدا ياشاۋاتقان قۇش توپى 12 تۈركۈم، 26 ئائىلە، 67 خىلغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆگىقۇش، قىزىل چىپار ئۆردەك، يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك قاتارلىقلار بار ئىكەن. يەنە تۆت خىل دۆلەت 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش بولۇپ، ئۇلار: قارا لەيلەك، كىچىك لەيلەك، چىپار لەيلەك، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت قاتارلىقلار؛ دۆلەت 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 6 خىل قۇش بولۇپ، ئۇلار: قىزىل لاچىن، قارا قورساق قۇملۇق توخۇسى، چوڭ ئاققۇ، ئاق قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا بۈركۈت قاتارلىقلار ئىكەن. 

 ھەر يىلى ئاققۇ، ياۋا غاز، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت، يېشىل باش ئۆردەك، ئاق قوتان، چايكا، ئۇقار قاتارلىق دۆلەت قوغداشنى بەلگىلىگەن ئون نەچچە خىل ئەتىۋارلىق قۇش ئۇلۇنگۈر كۆلىگە كېلىپ ماكانلىشىپ كۆپىيىپ، نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ، ئۇلۇنگۈر كۆلىنى ئۆزگىچە مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ يەردە بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى سۇلۇق يەرنى قوغداش، قۇشلارنى ئاسراش، گۈزەل، ئىناق ماكان قۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمىز.