تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىكى ئۈچ جاي تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

▲ يېقىندا، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. باغراش ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 10- شى 185- تۈەن دۆلەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. 

▲ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى «ئېكولوگىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، يېشىل تەرەققىيات، پۈتۈن رايون ساياھىتى، بەختلىك ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش» تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «باغراش ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ناھىيە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى-- باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى، ساياھەتچىلىك بىلەن يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ۋە 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 2018- يىلى ناھىيە بويىچە جەمئىي 3 مىليون 83 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بىۋاسىتە كىرىم 204 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى 2017- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.1 ۋە %49.7 ئاشتى. 

▲ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شوتا ئۆزگىچە بازىرى، قاشاجار ئۆرپ- ئادەت بازىرى، ئاقدالا كاڭياڭ بازىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆزگىچە يېزا- بازار ۋە زىسۇ گۈل دېڭىزى، 10 مىڭ مولۇق ياۋا كۈركۈم گۈلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەت چوڭ ئايلانما يولىدىن ئۈچنى، كىچىك ئايلانما يولىدىن 12 نى بەرپا قىلىپ، ناھىيە بويىچە ساياھەتتىكى شاھمات تاختا شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى. ناھىيە بويىچە ئەقلىي ساياھەت سىستېمىسىنى ئېچىپ، پۈتۈن رايوندا توردا مۇلازىمەت قىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى. 2018- يىلى ناھىيە بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. 

▲ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 10- شى 185- تۈەن «پۈتۈن رايوننىڭ ھەممىسىنى مەنزىرە رايونى قىلىش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سەيلە- ساياھەتتىن ئىستىراھەت ساياھىتىگە، مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتىدىن پۈتۈن رايون ساياھىتىگە، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ساياھەت بىلەن كەسىپ بىرلەشكەن» تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈەن- مەيداندىكى %20 ئاھالىنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت كەسپىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپكە قوش تۈرتكە بولغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. 

▲ ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە 71 ئورۇن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.