دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر بەس- بەستە سىرتقا چىقىپ سەيلى- ساياھەت قىلىپ، دەم ئېلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئۆز مۇخبىرىمىز جىن لېي خەۋەر قىلىدۇ:

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر بەس- بەستە سىرتقا چىقىپ سەيلى- ساياھەت قىلىپ، دەم ئېلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى. جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 12 مىليون 478 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن % 22.19 ئاشتى، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 17 مىليارد 577 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن % 23.37 ئاشتى.

 دۆلەت بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلدى. ئاق قېيىنزارلىق ئالتۇندەك يالتىراپ، كۆزنى قاماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كۈز يوپۇرماقلىرى لەرزان چۈشۈۋاتقان ئورمانلىقتا، ساياھەتچىلەر ئات مىنىپ ساياھەت قىلىپ، يەرلىكتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى جاڭ يىشى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ بەك ئازادە بولۇپ قالدىم. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىمۇ ناھايىتى ياخشىكەن.

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 210 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمالى 254 مىليون يۈەنگە يەتتى. «يۈەنفاڭ» ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ چىڭ مۇنداق دېدى: بىز ساياھەتچىلەر يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىن تىجارەت كىنىشكىسى بار 35 ئاپتوبوسنى ئىجارىگە ئالدۇق. ساياھەتچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچرەتتە تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. بۇ يىللىق دۆلەت بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئەتراپىدا ئاشتى.

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاناس، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، نارات، سايرام كۆلى، بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئالتاي ۋىلايىتىدە جەمئىي 1 مىليون 510 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 1 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ساياھەتچى كۈتىۋېلىش سانى، ساياھەت كىرىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 560 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 678 مىليون يۈەنگە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا ئوخشاشلا ساياھەتچىلەر كۆپ بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۈتىۋېلىنغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %43.8 ئاشتى. گەنسۇلۇق ساياھەتچى مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن توغراقلىقنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق، بەك گۈزەلكەن. ئاندىن ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتىنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلاندىم، مېنىڭمۇ قاتنىشىپ باققۇم كەلدى.

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مول مەزمۇنلۇق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئاراتۆۋرۈك ناھىيەسىدە «تەنتەربىيە لاتارىيەسى لوڭقىسى» شىنجاڭ قۇمۇل ئاراتۆۋرۈك توغراق خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەت بويىچە 17 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئېفىئوپىيە، كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 500 گە يېقىن ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو (قۇمۇل) ئۇچقۇ بىلەن بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئۇچقۇ ماھىرى ئاراتۆۋرۈك ناھىيەسىدىكى نېرېنگېر يايلىقى، خۇەنسەي كۆلى، غالىبىيەت چوققىسى، ئارا تۆۋرۈك توغراقلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىشقا تەكلىپ قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى جۇڭگو سۈرەت گۇرۇھىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش فوتوگرافى ۋاڭ جۈنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۇچقۇ ماھىرى سۈپىتىدە بۇ يەرگە كېلىپ قۇمۇلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن، ئاراتۆۋرۈك ناھىيەسىدىكى تيانشان تېغى، خۇەنسەي كۆلى، يەنە توغراقلىقنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندىم. بۇ قېتىم بۇ يەردە ياخشى سۈرەتلەرنى تارتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى تونۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، ئۆرپ- ئادەت ساياھىتىدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەھرا ساياھىتى، شەھەر ئەتراپى ساياھىتىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كىشىلەر سەھرالارغا بېرىپ كۈز مەنزىرىسى، گۈلزارلىقلارنى تاماشا قىلىپ، ئېسىل تائاملارنى تېتىدى، ئەمگەككە قاتناشتى. قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگوڭتەي بازىرى شىشۇۋوزى كەنتىدە خۇڭشۇدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى كېلىپ خۇڭشۇ قېزىپ، مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلىب قىلدى. ئۈرۈمچىدىن بارغان ساياھەتچى لى جياخۇڭ مۇنداق دېدى: بىز بالىلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، خۇڭشۇ قېزىش خۇشاللىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ، تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، كۈز پەسلىنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمان قىلدۇق. ئۇلار بۇ يەردە يەنە كۈز پەسلىدىكى مول ھوسۇل خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلاندى.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ  

相关阅读