ئاراتۆۋرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەي كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئۆز مۇخبىرىمىز جىن لېي خەۋەر قىلىدۇ:

 ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئاراتۆۋرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەي كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 

 خۈەنسەي كۆلى مەنزىرە رايونىدا، كۆل سۈيى كۆك ئاسماننىڭ تەسىرىدە كۆپكۆك كۆرۈنەتتى. يىراققا نەزەر سالغاندا، ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن گۈزەل كۆل سۈيى جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدۇراتتى. خۈەنسەي كۆلى يەنە تۇركۆل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ سىرلىق يېرى شۇكى، كۆل سۈيى ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوخشاشمىغان رەڭلەرنى نامايان قىلىدۇ. بېيجىڭلىق ساياھەتچى ليۇ لىن مۇنداق دېدى: خۈەنسەي كۆلى ئىنتايىن سىرلىقكەن، قارلىق تاغ كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ، ھەقىقەتەن بەك گۈزەل كۆرۈنىدىكەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇەنسەي كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شەنشىلىك ساياھەتچى ياڭ مىن مۇنداق دېدى: ساياھەت يېتەكچىسى ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر ئىكەن، مۇلازىمىتىمۇ بەك قىزغىنكەن. مەنزىرە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەن، بىز ئۆزىمىز ماشىنا ھەيدەپ كەلگەنتۇق، يول شۇنداق ياخشىكەن. 

 ئاراتۆۋرۈك ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئايشەم مۇسا مۇنداق دېدى: 2019- يىلى 16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 13 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما كۆل تاشيولىنى ياساپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىنى ئازادە ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. ساياھەتچىلەر شىمالىي قىرغاققا ئوڭۇشلۇق بېرىپ خۈەنسەي كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەر %40 تىن %50 كىچە كۆپەيدى.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ 

相关阅读