​سانجى شەھىرى ئۆزگىچە سەھرا قۇنالغۇلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى سەيلى- ساياھەت ۋە دەم ئېلىشقا جەلپ قىلدى
【发布时间】2019-10-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 سانجى شەھىرى ئۆزگىچە سەھرا قۇنالغۇلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلى- ساياھەت ۋە دەم ئېلىشقا جەلپ قىلدى. 

 سانجى شەھىرىدىكى خۇاشىڭ ساياھەت جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، قاتار- قاتار سېلىنغان، سەھرا قۇنالغۇسى قىلىنغان ئۆزگىچە ياغاچ ئۆيلەر سۈنئىي كۆل بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. نۇرغۇن ساياھەتچى ياغاچ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا كىتاب كۆرۈپ، پاراڭلىشىپ، مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولۇشتى. گەنسۇلۇق ساياھەتچى ۋىي يادۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە تۇرۇش بەك راھەتكەن. يىمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە قاتناش ناھايىتى قولايلىقكەن. بۇ يەردە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، سەھرا تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئويلىدۇق. 

  خۇاشىڭ ساياھەت جىلغىسى-- سانجى شەھىرىدىكى سەھرا قۇنالغۇسى، كاۋاپ پىشۇرۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق سەيلى- ساياھەت، دەم ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، 2018- يىلىدىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونىدا دەرەخ ئۈستى ياغاچ ئۆيى ۋە كۆل بويى ياغاچ ئۆيى قۇردى. ئۆي ئىچىدە تۈرلۈك زامانىۋى ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونى 35 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 2 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شيا بىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر ئايدا ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، خۇاشىڭ ساياھەت جىلغىسىنى ساياھەتچىلەر ئىنتىلىدىغان گۈزەل جايغا ئايلاندۇرىمىز. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھى، ئېسىل سەھرا قۇنالغۇسى ۋە سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك نۇقتا قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتتى. سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرىنىڭ دۇڭگۇ كەنتىگە جايلاشقان «يەتتە كىلومېتىر» سەنئەت قورۇقى بۇ يىل 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ياتاق- تاماق بىر گەۋدە قىلىنغان، كۆلىمى 7 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سەھرا قۇنالغۇسى بەرپا قىلىپ، تىجارەت باشلاپ بىر ئايدىلا، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى پۇ جىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كۈنىگە 200 دىن 300 گىچە ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىن كەلگەنلەر، يەنە بەزىلىرى ئىچكىرىي رايونلاردىن كەلگەنلەر، ساياھەتچىلەر سەھرا قۇنالغۇلىرىدا تۇرۇپ، سەھرا تامىقى يەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستىمال سوممىسى تەخمىنەن 100 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي 


相关阅读