ئاقسۇ ۋىلايىتى <كېچىلىك ئىقتىساد> نى گۈللەندۈرۈپ، كېچە تۇرمۇشىنى رەڭدارلاشتۇردى
【发布时间】2020-06-06  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  تۈن پەردىسى يېيىلغان بولسىمۇ، ئەمما چىراقلار ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەنىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جاي- جايلىرىدىكى چوڭ- كىچىك كەچلىك بازارلارنى ئارلىسىڭىز، ھەممىلا يەردە چوغلىرى يالقۇنجاپ تۇرغان كاۋاپدانلار، ھەر خىل مەززىلىك تائام يايمىلىرىنى ئۇچرىتىپلا قالماي، تىجارەتچىلەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرنى تېتىپ بېقىشقا بەس- بەستە خىرىدار چاقىرىۋاتقانلىقى، كەچلىك بازارلارنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، «كېچىلىك ئىقتىساد» نى تەدرىجىي جانلاندۇرۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

  شايار ناھىيە شايار بازىرى شياڭياڭ مەھەللە كومىتېتىنىڭ كەچلىك بازىرىدا كاۋاپ، شاگو، راڭپىزا قاتارلىق كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان تۈرلۈك ئۇششاق يېمەكلىكلەر تېزىۋىتىلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كەچلىك بازار تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ۋە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن. بۇ بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان ئابدۇشۈكۈر ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزدىكىلەر ئىلگىرى پارچە- پۇرات ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلاتتۇق، كىرىمىمىز ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. كەچلىك بازار ئېچىلغاندىن كېيىن، مەھەللە كومىتېتى ماڭا ھەقسىز يايما ئورنى بەردى، ئايالىم ئىككىمىز يايما ئېچىپ راڭپىزا ساتتۇق. خېرىدارلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن 500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىغان بولدۇق».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى ئۆزگىچە كەچلىك بازارلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەچلىك بازارلارنى ئۆز جايىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ باقىدىغان، دوستلار يىغىلىشى قىلىدىغان، ئارام ئالىدىغان ياخشى سورۇنىغا ئايلاندۇردى.

  شەھەرلەردىكى كەچلىك بازارلار قىزىپ كەتتى، يېزىلاردىكى كەچلىك بازارلارمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي جانلىنىشقا باشلىدى. باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزا كۆتەكتۈر كەنتىدىكى كەچلىك بازاردا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، مەززىلىك ھېدى ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى. بىر كۈن ئەمگەك قىلغان كەنت ئاھالىلىرى لەرزان ناخشا ساداسى ئىچىدە، ياز كېچىسىدىكى راھەت مىنۇتلاردىن بەھرىمەن بولۇشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بەخت كەچلىك بازىرىنى ئاچقان ئىدى. ھازىر، بۇ بازاردا ئېچىلغان ئۇششاق يېمەكلىك، تۈرلۈك ماللار يايمىلىرى 20 گە يېتىپ، قىيىنچىلىقى بار 12 ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا كىرىم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  كېچىلىك تۇرمۇش-- شەھەر ھاياتىي كۈچىنىڭ سىمۋولى. يېزىلاردا كەچلىك بازارلارنىڭ ئېچىلىشى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى. بۇ يازدا، كېچىلىك تۇرمۇش بارلىققا كەلتۈرگەن «كېچىلىك ئىقتىساد» تەدىرىجىي ئىستېمال ئېقىمىنى شەكىللەندۈردى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى جايلار كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېچىلىك ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە بازارنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز جايىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئىستېمال كوچىلىرىنى يورۇتۇش، ئەنئەنىۋى كەچلىك بازارلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كېچىلىك ئۆزگىچە كوچىلارنى بەرپا قىلىش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك كېچىلىك ئىقتىسادتىكى ئۈلگىلىك كوچا، كەچلىك بازارلارنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرمەكتە.