بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئىستىراھەت ساياھىتى ئالقىشقا ئېرىشتى
【发布时间】2020-06-07  作者:mikray  来源:تىيانشان تورى

ساياھەتچىلەر چوڭ قىزىل بېلىق كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لو ياڭشۆ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تىجارەت باشلىدى، ساياھەت بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، تەرتىپلىك، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولدى.

  يېقىندا، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر بۇرچىن دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتىگە كېلىپ بېلىق تۇتۇپ، سەھرا تۇرمۇشىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى. چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىغا يەتتە كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى خاس بېلىقچىلىق كەنتى، شۇنداقلا بۇرچىن ناھىيەسى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى «ئىستىراھەت بېلىقچىلىقى» كەنتى ھېسابلىنىدۇ. چىلىتەن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چوڭ قىزىل بېلىق بېقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بىردىنبىر باقمىچىلىق بازىسى، تەشۋىقات سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى ھەمدە بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى.

چوڭ قىزىل بېلىق كۆرگەزمە سارىيى ئىچىدە تۈرى تولۇق بولغان بېلىق ئەۋرىشكىلىرى.