بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى ئالقىشقا ئېرىشتى
【发布时间】2020-06-11  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى نۆۋەتتە تىجارەت باشلىدى، ساياھەت بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، تەرتىپلىك، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماقتا.

  نۇرغۇنلىغان ساياھەتچى يېقىندا، بۇرچىن دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتىگە كېلىپ بېلىق تۇتۇپ، سەھرا تۇرمۇشىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولدى. چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىغا يەتتە كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى خاس بېلىقچىلىق كەنتى، شۇنداقلا بۇرچىن ناھىيەسى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى «ئىستىراھەت بېلىقچىلىقى» كەنتى. چىلىتەن-- ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چوڭ قىزىل بېلىق بېقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بىردىنبىر باقمىچىلىق بازىسى. تەشۋىقات سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلمەكتە ھەمدە بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئېلىپ، مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ باقماقتا.

  بۇرچىن ناھىيەسى بېلىقچىلىق كەنتىدە سەھرا مەنزىرىسى ساياھىتىدىن باشقا، يەنە چوڭ قىزىل بېلىق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، سەيلە- ساياھەتنى ئاساس قىلغان چوڭ قىزىل بېلىق كۆرگەزمىخانىسى بەرپا قىلدى. بۇ كۆرگەزمىخانا ساياھەتچىلەرنى بېلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بېلىق تۇتۇش كونا ئەسۋابلىرى، كونا سۈرەتلەر، كونا ھۆججەتلەر قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇملارنى قويغان بولۇپ، ئوپتىكىلىق تەسۋىردىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ كونكرېت، چوڭ قىزىل بېلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەدەنىيەت ئىزىنى ئوبرازلىق نامايەن قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ كۆرگەزمىخانا بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھىتى، تەتقىقات- ئۆگنىش ساياھىتىدىكى مۇھىم نوقتا بولۇپ قالدى. 

  بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى نۆۋەتتە، ساياھەتچىلەر مەركىزى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇشقاقنى تولۇق تازىلىدى. يەنە، مەنزىرە رايونلىرىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ، بۇزۇلغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا ئاسراپ، رېمونت قىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرىنى چاتاپ تولۇقلاپ تىكتى.

  بۇرچىن ناھىيەسى سەھرا ساياھەتچىلىكى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ۋە سەھرا ئىستىراھەت ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان سەھرا ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسى شەكىللەندۈردى. بۇرچىن ناھىيەسى بۇ يىل «بالىلار چۆچەكلىرىدەك بۇرچىن-- ئاجايىپ يەتتە خىل رەڭلىك دەريا-- چېگرا رايوندىكى كېچە بولماس شەھەر-- كېچە- كۈندۈز ھاياتىي كۈچكە تولغان» دىن ئىبارەت پىلاننى چۆرىدەپ، ناھىيە بازىرىدا «بىرنى مەركەز قىلىپ، تۆتنى يېتەكلەش» شەھەر قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ساياھەت بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، ئىستىراھەت شەھىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەيلى قانداق شەكىلدە بۇرچىنغا بېرىشتىن قەتئىينەزەر ھەممەيلەننى چۆچەكلەردىكىدەك ئۆزگىچە ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى.