ئۈرۈمچىدىن قاناسقا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئەسلىگە كەلدى
【发布时间】2020-06-12  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ CZ6613 نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى تۈنۈگۈن (6.10) سەھەردە، قاناس ئايرودرومىغا قوندى. بۇ، ئۈرۈمچىدىن قاناسقا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 6- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، CZ6613 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاناس ئايرودرومىغا بىخەتەر، سىلىق قوندى. ئايروپىلاندىكى 117 يولۇچى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئايروپىلان پەلەمپىيىدىن تەرتىپلىك چۈشتى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ما جيې مۇنداق دېدى: ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، سىن ۋە رادىيودا يۇقۇم مەزگىلىدە ماسكىنى ياخشى تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى جايىدا قوللىنىشقا دائىر ئىشلار كۆرسىتىلدى ۋە ئاڭلىتىلدى. ئايروپىلاندىن 50 تىن تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ چۈشتۇق. مېنىڭچە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. 

 ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن بۇيان، قاناس ئايرودرومىدا قاناستىن بورتالا ۋە قاناستىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كەينى- كەينىدىن ئەسلىگە كەلدى. ھازىر، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، بەخت ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قاناس بىلەن ئۈرۈمچى، قاراماي، بورتالا، كورلا قاتارلىق نۇرغۇن جاي ئارىسىدىكى قاتناشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. 

 قاناس ئايرودرومىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۇ جيەن مۇنداق دېدى: قاناس ئايرودرۇمىمىز بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يەنە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچىمىز. شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ سىرتىغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشىمىز مۇمكىن. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قاناسقا ساياھەتكە كىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

 تەرجىمان: مەدىنە