جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى
【发布时间】2020-06-15  作者:xirenay  来源:新疆日报

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى مايتاغ - كۇچا تاشيولى چوڭ لاگېرىدا يىغىلىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا قاراپ مېڭىشقا تەييارلانماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

(لەي يۈنىڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كېلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى مايتاغ - كۇچا تاشيولى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئاپتوموبىللارنىڭ ياڭراق گۈدۈك چېلىشىغا ئەگىشىپ، 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تاڭ قۇياشى تەرەپكە قاراپ مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا يۈرۈپ كەتتى.

شۇ كۈنى، قاراماي شەھىرى ئۇيۇشتۇرغان 2020 «چۆللۈك ساياھىتى مايتاغ - كۇچا تاشيولى» مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىكى مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلدى.

G217 مايتاغ - كۇچا تاشيولى تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان، شىمالدا مايتاغدىن باشلىنىپ جەنۇبتا كۇچاغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 560 كىلومېتىر. تاشيول بويىغا بايىنبۇلاق يايلىقى، كۇچادىكى چوڭ - كىچىك ئەجدىھا كۆلى، خۇڭسەن تاش ئورمىنى قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇر مەنزىرە رايونى جايلاشقان، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

تىيانشان تاغلىق رايونى قىش پەسلىدە قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، مايتاغ - كۇچا تاشيولى ھەر يىلى تەخمىنەن يېرىم يىلغا يېقىن «قىشلىق ئۆچەك مەزگىلى»گە كىرىدۇ. بۇ يىل 6 - ئايدىن بۇيان، يول چارلاش، شېغىل تازىلاش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلانغانلىقىنى جاكارلاپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاندۇرۇش ئۈچۈن، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بۇلتۇرقى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، بۇ يىل ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان؛ مايتاغ - كۇچا تاشيولى بويىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرمۇ مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتناش، ساياھەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن.