كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى بويىدا <نەشپۈتزارلىقنى كۆرۈش سۇپىسى> قۇرۇلۇپ، يەنە بىر يېڭى مەنزىرىگاھ بارلىققا كەلدى
【发布时间】2020-06-16  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى بويىدا «نەشپۈتزارلىقنى كۆرۈش سۇپىسى» قۇرۇلۇپ، يەنە بىر يېڭى مەنزىرىگاھ بارلىققا كەلدى.

  بۇ ئىككى كۈندە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى بويىدا «نەشپۈتزارلىق كۆرۈش سۇپىسى» دىن ئىبارەت يەنە بىر مەنزىرە نۇقتىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كورلا شەھەر ئاھالىلىرى ياكى ساياھەتچىلەر «نەشپۈتزارلىق كۆرۈش سۇپىسى» غا چىقىپ، يېقىندىن «تارىم نېفىتلىكىنى ئېچىش قۇماندانلىق شىتابى» نى، يىراقتىن شەھەر مەنزىرىسى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ قاتمۇ- قات سۇ دولقۇنلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ مەنزىرىلەر كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئىللىق كەيپىيات بېغىشلايدۇ. 

  «نەشپۈتزارلىق كۆرۈش سۇپىسى» نەشپۈتلۈك باغدىن چىقىپ، دەريا بويىدىكى پىيادىلەر يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، كۆنچى دەرياسىغىچە سوزۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 72 مېتىر، سۇ يۈزىدىن تەخمىنەن يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، ھازىرقى ئېگىزلىك پەرقىدىن پايدىلىنىپ «نەشپۈتزارلىقنى كۆرۈش سۇپىسى» تەسىس قىلىنغان. مەنزىرە ئېلېمېنتىنىڭ ئاساسىي رەڭ تۈسىگە كورلا شەھىرى ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەشپۈت يېشىل سىستېمىسى قوللىنىلغان. يەنە، ھازىرقى نەشپۈتزارلىق مەنزىرىسى بىلەن بىرلەشكەن يەر شەكلى ئارقىلىق «گىرىمسەن سۇ» مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان.

  «نەشپۈتزارلىقنى كۆرۈش سۇپىسى» غا چىققاندا شىر كۆۋرۈكىدىن قۇرۇلۇش كۆۋرۈكىگىچە بولغان شەھەر مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى، كۈندۈزى مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاۋاتلىقىدىن، كەچتە مەنزىرە رايونىنىڭ رەڭدار چىراغ نۇرى مەنزىرىسىدىن بەھىرلەنگىلى، قىش پەسلىدە ئاققۇلارنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان، تاماشا قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كورلا شەھىرى 2019- يىلى 7- ئايدا، كۆنچى دەرياسى بويىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، كۆنچى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى شىر كۆۋرۈكىدىن شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلىكىگىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىر كېلىدىغان دەريا قېنى ۋە دەريا بويى مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. «نەشپۈتزارلىق كۆرۈش سۇپىسى» دەل دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە، باشقا قۇرۇلۇشلارمۇ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن.