شىنجاڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى
【发布时间】2020-06-20  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  شىنجاڭ «13- بەش يىللىق يىرىك پىلان» دىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىدىن 2 مىليارد 659 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 484 مەدەنىيەت ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تىرەكلىك رولى، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ساياھەت تەرەققىيات ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختىلاشنى تېزلەتكەن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سۈپەت، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى جەھەتتە، مەركەز خامچوتىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن 1 مىليارد 226 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇپ، شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى. شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2- قارارلىق تۈرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي قاتارلىق 7 ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، 166 رادىيو- تېلېۋىزىيە ئۇل ئەسلىھەسى ۋە نامرات رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئىقتىدارى تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى يېزا- بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت (مەھەلىلەر) نىڭ مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تولۇق قاپلاندى.

  مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 478 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 49 ئى يولغا قويۇلدى. دۆلەتنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، پايدىلىنىش يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. ئىجتىمائىي مائارىپ ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، قوغداش نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئامما تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى جەھەتتە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 955 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايون خامچوتىدىن 110 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى تۈرىدىن 115 ئى، ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت تۈرىدىن 29 ئى، سەھرا ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش تۈرىدىن 12 سى، نۇقتىلىق قىزىل ساياھەت تۈرىدىن 12 سى يولغا قويۇلۇپلا قالماي، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ھەمدە تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، بىر قەدەر كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى. 2019- يىلىغىچە، بېڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى 102 گە، بۇلتۇر كۈتىۋالغان ساياھەتچى 213 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەتچىلىك تۈۋرۈك كەسىپىنىڭ فونتانسىمان تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى قەدەمدە جايلارنىڭ تەرتىپلىك ئىش باشلاش (ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى) گە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرىدۇ. يەنە «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى مەدەنىيەت، ساياھەت مەخسۇس يىرىك پىلانى تەتقىقاتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تۈر زاپىسىنى كۈچەيتىپ، جىپسىلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور مەبلەغ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.