مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئۆستى
【发布时间】2020-06-24  作者:mikray  来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، سەھەردىكى قۇياش نۇرى بۇلۇتلار قاتلىمىدىن ئۆتۈپ قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرىغا چېچىلدى، ئەتىگەندىلا ئاپتوموبىللار بۇ يەرگە ئارقا - ئارقىدىن يىغىلىپ، 2020 مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

كۆپ يىللىق ئۆي ئاپتوموبىل ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە ۋاڭ يۇبىڭ ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى قوشۇمچە شوپۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆي ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ جاۋ زىلى قاتارلىق تۆت ساياھەتچىنى ئېلىپ، قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلدى.

«مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ماڭىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، شىركەت بۇ ساياھەت تاشيولىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يېتىپ، مايتاغدا شۆبە شىركەت قۇردى.» ۋاڭ يۇبىڭ گۇاڭدۇڭدىن مايتاغقا كەلگەن، بۇ قېتىم ئۇ ئىشلەيدىغان شىركەتتىكى بەش ئۆي ئاپتوموبىل مايتاغدىن يولغا چىقىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈشكە تەييارلانغان.

بۇ جاۋ زىلىنىڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئۈچىنچى قېتىم مېڭىشى. «مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ.» جاۋ زىلىنىڭ دېگىنى شۇ كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مايتاغ - كۇچا تاشيولى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ئىدى.

ھاۋا بوشلۇقىدىن مايتاغ - كۇچا تاشيول ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە نەزەر سالساق، ئۇ خۇددى تىيانشانغا قەدەم تاشلاۋاتقان پۇتنىڭ ئالقىنىغا ئوخشايدۇ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە سېزىمچان ئېكران ئارقىلىق مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، يەنە لىنىيەنى تېز سۈرئەتتە سۈرۈشتۈرۈش، ھاۋا رايى، يول ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سوراش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، بىر بېكەتلىك ئەقلىي ساياھەت مۇلازىمىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

ئەمدىلا ئېچىلغان مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيىدا، ساياھەتچىلەر يولغا چىقىشتىن بۇرۇن كۆرگەزمىگە قويۇلغان ھەربىيچە جۇۋا، چوڭ تۇمشۇقلۇق قىشلىق ئاياغ، تال سېۋەت، كىرسىن چىراغ قاتارلىق بۇيۇملارنى تەپسىلىي ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مۇستەقىل چۈشەندۈرگۈچتىن كېلىۋاتقان چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، ھاياجان ئىلكىدە مايتاغ - كۇچا تاشيولىدىن ئىبارەت بۇ قەھرىمانلار يولىنىڭ ياسىلىش تارىخىنى چۈشەندى. مايتاغ - كۇچا تاشيول لىنىيەسىنىڭ مەنزىرە ئىسخېمىسى ئالدىدا، بايىنبۇلاق يايلىقى، كۈنەس مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ غايەت زور سۈرەتلىرىدىن ساياھەتچىلەر مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئالدىن كۆردى. «بۇ يەر مېنى مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا نىسبەتەن بىۋاسىتە تونۇشقا ئىگە قىلدى، مۇزېي مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۆپەيتىپتۇ.» ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، كۈيتۈن شەھىرىلىك ساياھەتچى ياۋ جۈەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيىغا كەلگەنىدى.

مايتاغ - كۇچا تاشيولى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيى ئومۇمىي كۆلىمى 59 گېكتار كېلىدىغان مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرى تۈرىنىڭ پەقەت بىر قىسمى. مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرى تۈرىنىڭ شىمال تەرىپى ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان خۇاشى مەنزىرە بەلبېغى بولۇپ، ھازىر مايتاغدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىدىغان، ئارام ئالىدىغان يېڭى جايى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرىدىكى ئاپتوموبىل ۋە دالا ئەسلىھەلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى، ئاپتوموبىل دالىدا قونۇش ئورنى، كۈتۈنۈش ساغلاملىق مەركىزى، بالىلار سۇ شادلىق باغچىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت سودا كوچىسى قاتارلىق تۈرلەرمۇ ناھايىتى تېزلا ئارقا - ئارقىدىن تاماملىنىدىكەن. مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھەت كەسىپ زەنجىرىمۇ ئۇزارتىلىدىكەن.

2019 - يىلى، مايتاغ تەۋەسىدىن ئۆتۈپ مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتكەن ساياھەتچى ئاپتوموبىلى جەمئىي 1 مىليون 119 مىڭ 700 ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.85 ئاشتى. مايتاغ - كۇچا تاشيولى «قاتناش + ساياھەت»تىكى نادىر ئەسەرگە ئايلاندى.

مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ «مايتاغ - كۇچا تاشيولى ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنىمۇ تېزلەتتى، قاتناش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق تارماقلار پائال ھەمكارلىشىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئۆزگەرتتى. 2019 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى سىستېمىسى ۋە ئۆلچىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «چۆللۈك ساياھىتى  مايتاغ - كۇچا تاشيولى» 2020 مايتاغ - كۇچا تاشيولى ساياھەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى ساھەسى باشلىقلار مۇنبىرىدە، جۇڭگو ساياھەت قاتناش ۋاسىتىلىرى جەمئىيىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى ۋە دالىدا قونىدىغان ئۆي ئاپتوموبىل شۆبە جەمئىيىتى قاراماي شەھىرىگە «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى مەنزىلگاھىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش <نۇقتىدا سىناق قىلىپ دەلىللەنگەن شەھەر>» دېگەن لەۋھە تاختىسى بەردى.

قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «نۇقتىدا سىناق قىلىپ دەلىللەنگەن شەھەر» بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن، قاراماي شەھىرى «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى مەنزىلگاھىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش» «ئۆزى ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ ئاپتوموبىل بارگاھىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئايرىش» قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسلىنىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىنىڭ تەمىنات تەرەپ جەھەتتىكى كەم تۈرلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، كەم تۈرلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دائىملىشىشىدا، زىچلىقى تۆۋەن، ئىنچىكىلەشكەن، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مەھسۇلاتلىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، شىنجاڭ بۇنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يول ئارقىلىق مەنزىرە كۆرسىتىپ، مەنزىرە ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەھسۇلات مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇردى. مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى» «تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى» قاتارلىق سۈپەتلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم سەرخىل ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ يورۇتتى.