پىچان ناھىيەسىنىڭ قۇمغا كۆمدا داۋالىنىش كەسپى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ سەھرا قونالغۇسى تىجارىتىنى جانلاندۇردى
【发布时间】2020-06-26  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ئېگىز- پەس قۇم بارخانلىرى ھەر خىل كۈنلۈكلەر بىلەن گۈلدەك بىزەلگەن بولۇپ، بۇ كۈنلۈكلەر قارىماققا خۇددى قۇملۇقتا ئېچىلغان رەڭدار گۈللەرگە ئوخشايتتى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قۇمغا كۆمۈلۈپ ياكى قۇم ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، تۈرلۈك قىياپەتلەردە قۇم بىلەن داۋالىنىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. 

  قۇمدا داۋالىنىش-- قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كېسەل ئورۇننى قۇمغا كۆمۈپ قۇياش نۇرى، قۇرۇق ئىسسىق، بېسىم، ماگنىت كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسال رولىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالايدىغان بىر خىل ئەلئىچى داۋالاش ئۇسۇلى. سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل، پۇت ئاغرىش، سۆڭەك ئولتۇرغۇچ نېرۋىسى ئاغرىقى، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولى بار. 

  ھەر يىلى 6- ئايدىن 9- ئايغىچە قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر كۈنى قۇملۇققا كېلىپ داۋالىنىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 300 دىن ئاشىدىكەن. 

  قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش ساياھەتچىلەرنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە پىچاندىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ سەھرا قونالغۇلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا تۈرتكە بولدى. پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى بازار كەنتىدىكى غاپپار جاپپار ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدا قۇمتاغ مەنزىرە رايونى بولۇشتەك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ھويلىسىنى سەھرا قونالغۇسىغا ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ بىلەن، ھەر يىلى قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش پەسلىدە 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى. 

  كۆلەم كېڭەيدى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى. غاپپار ئەتراپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئۆزىنىڭ سەھرا قونالغۇسىغا كېلىپ ئىشلەشكە پائال يېتەكلىدى. 

  ئۆزىنىڭ سەھرا قونالغۇسىنى قۇمتاغ باغرىغا قۇرغان پىچان بازىرىنىڭ شياۋدوڭخۇ كەنتىدىكى ئەمەر نىياز سېيىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سەھرا قونالغۇسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا بەش يىل بوپتۇ، قونالغۇدا ياتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇمغا كۆمۈلىدىغانلار ئىكەن. تۇنجى يىلى ئۇ سەھرا قونالغۇسىدىن 3 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىپتۇ. كېيىن ئۇنىڭ قونالغۇسىنى بىلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ، بۇلتۇر بىر ئايدىلا 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىپتۇ. 

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پىچان ناھىيەسىدە 178 سەھرا قونالغۇسى نورمال تىجارەت باشلىغان بولۇپ، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، بىر يۈرۈش قۇمدا داۋالاش كەسپىي سىستېمىسى بەرپا قىلىدىكەن ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ قۇمدا داۋالىنىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇم بىلەن داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىنى داۋاملىق زورايتىدىكەن.