گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلدى
【发布时间】2020-07-01  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مول رەڭدار كېچىلىك پائالىيەتلەر بازارنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇنداقلا بايراملىق دەم ئېلىشنى يېڭىچە «باشلىنىش نۇقتىسى» بىلەن تەمىنلىدى.

  يېمەك- ئىچمەك كېچىلىك ئىقتىسادتىكى ئۆزگەرمەس باش رولچى. كەچكى قۇياش غەربكە پېتىپ، تومۇز ئىسسىق ئاستا- ئاستا پەسەيدى. خوتەن شەھىرى خەلق غەربىي يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان خوتەن كەچلىك بازىرى جانلىنىپ كەتتى. كەچلىك بازاردا خېرىدار چاقىرىپ توۋلىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ، سارغىيىپ پىشقان يۇلغۇن كاۋىپى، تاتلىق، شېرىن تەملىك قېتىق زۇڭزىسى، مەززىلىك ھىدى تارقىلىپ تۇرغان تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلاتتى. كەچ سائەت 21 دە، كەچلىك بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەھنىدە ناخشا ساداسى ياڭرىدى. سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كېلىشكەن يىگىتلىرى، چىرايلىق قىزلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. ساياھەتچىلەر دەرھال چۆرىدەپ كېلىپ، بەس- بەستە يان تېلېفونلىرىنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتتى، سىنغا ئالدى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى.

  ئالتاي شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو شۆدۇ-- خوتەن كەچلىك بازىرىمۇ رەسمىي ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بايرام كەيپىياتىغا تولغان كەچلىك بازار ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن ئىدى. ساياھەتچىلەر كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى يەپ، كېچە مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى. قېتىق زۇڭزىسى يايمىسىدا، يايمىچى ئابدۇللا سۇپۇر ماسكا تاقاپ، قومۇش يوپۇرمىقى بىلەن تۈگۈلگەن زۇڭزىنى ئېچىپ تەخسىگە قويدى. ئاندىن قېتىق، ئەنجۈر مۇرابباسى، بېھى مۇرابباسى قۇيۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا شېكەر قىيامى قۇيدى. بىر تەخسە چۈچۈمەل، تاتلىق، تېتىملىق قېتىق زۇڭزىسى تەييار بولدى. ھەرقايسى يايمىلار مېھمان بىلەن لىق تولدى. كۆپچىلىك ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، بىرلىكتە تىنچ، ئىناق بولغان بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن ئارقا- ئارقىدىن قەدەھ كۆتۈردى.

  سانجى شەھىرىگە جايلاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ كېچىلىك ئىقتىسادتىن ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى-- «خۇيجيا شىدەي» سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزى مال سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى كەچلىك تاماقتىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ نەرسە- كېرەك سېتىۋالاتتى. كۆلىمى 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «خۇيجيا شىدەي» سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزى سانجى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مال سېتىۋېلىش، يېمەك- ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇش ئىستىراھەت تۈرىدىكى شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى.

  كەچ سائەت 20 دە، دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى-- كورلا شەھىرىنىڭ ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى كېچىلىك ساياھەتنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. ئاستا- ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئەگىشىپ، ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى. نۇرغۇن ساياھەتچى دەريا بويىنى بويلاپ چىراغ نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان ئاققۇ دەرياسىدىن ھوزۇرلاندى. ياشلار يان تېلېفون بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا گۈزەل نەشپۈت شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تونۇشتۇردى.

  شەكلى چىرايلىق، ئىقتىدارى تولۇق بولغان كۆچمە تاماق ھارۋىلىرى ساياھەتچى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى قولايلىق، تېز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كېچىدىكى ئاققۇ دەرياسىنى «تاماق ھىدى» توشقۇزدى.

  ماناس ناھىيەسىدىكى ئۈزۈم ھارىقى باغچىسىنىڭ لازېر نۇرلىق سۇ ئۇسسۇلى كۆزگەزمىسى يېقىندا يەنە باشلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە يەرلىك ئاھالىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل سۇ مەنزىرىسى ۋە چىراغ نۇرى ساياھەتچىلەرنى بىر مەيدان گۈزەل كۆرۈش سېزىمى زىياپىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.