خېجىڭ بەنچەن جىلغىسى: چىرايلىق تاغ گۈللىرىگە پۈرگەنگەن ياپيېشىل ئوتلاق
【发布时间】2020-07-02  作者:mikray  来源:تيانشان تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ جېمىن خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىر ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، دۆلەت يولى 218-لىنىيەسىنى بويلاپ، غەربىي شىمال يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىپ، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چاغاننۇر داۋىنى، ئېركىن داۋىنىدىن ئۆتۈپ، 350 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۈنەس بەنچەن جىلغىسىغا يېتىپ كەلدى. تومۇز ئايلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەن، بەنچەن جىلغىسى مەنزىرە رايونى خۇددى باھاردەك تۈسكە كىرىپ، كۆپكۆك ئاسمان بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن ياپيېشىل ئوتلاقتا تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ساپ ھاۋا بەئەينى تەبىئىي ئوكسىگېنخانىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.