بىڭتۇەن تيەنمۇ ئوتلاق ئېكولوگىيە باغچىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت ئوتلاق تەبىئىي باغچىسى سىناق نۇقتىسىغا تاللاندى
【发布时间】2020-09-03  作者:xirenay  来源:天山网

خەلق تورى خەۋىرى: دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەت بويىچە 30 جايدىكى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت ئوتلاق تەبىئىي باغچىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شىسى 1-چارۋىچىلىق مەيدانى تيەنمۇ ئوتلاق ئېكولوگىيە باغچىسى تاللاندى، بۇ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر سىناق نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئوتلاق تەبىئىي باغچىسى بىر قەدەر تىپىك ئوتلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئوتلاقتىن ئىلمىي پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان، ئېكولوگىيە ساياھىتى، پەن تەتقىقات بويىچە ئۆلچەش-كۆزىتىش، تەشۋىق-تەربىيە بويىچە نامايان قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوننى كۆرسىتىدۇ.

  دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتلاق ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى قوغداپ ۋە ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئوتلاق تەبىئىي باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بىڭتۇەن 14-شىسى 1-چارۋىچىلىق مەيدانى كۇئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، تەۋەلىكىدىكى تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 1 مىليون 240 مىڭ مو بولۇپ، ئېگىز ھەم سوغۇق ئوتلاق، تاغلىق مۆتىدىل ئوتلاق، تاغلىق مۆتىدىل چۆللەشكەن ئوتلاق قاتارلىق كۆپ خىل ئوتلاق شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رايوننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 ~ 4500 مېتىرغىچە بولۇپ، تاغ-دەريا، دەريا-ئېقىن، جىلغىلار، تۈزلەڭ يەر شەكلى گىرەلىشىپ كەتكەن، تەبىئىي مەنزىرىسى مول، كۇئېنلۇن سىلوسى، سۆسۈن گۈللۈك سىلو، ئېگىز تاغ شايمىكى قاتارلىق 20 نەچچە خىل ئوت-چۆپ گىرەلىشىپ تارقالغان، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى مول.