ئۈرۈمچى نەنسەن دالا مەنزىرە رايونى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى
【发布时间】2020-09-07  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، تيانشان چوڭ جىلغىسى، مياۋئېرگۇ مەنزىرە رايونى، غەربىي بەيياڭگۇ مەنزىرە رايونى ۋە مۇشۈتەي مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى سىرتقا قارىتا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىغا ئارقا- ئارقىدىن كېلىپ، ئاسما ۋاگۇنغا ئولتۇرۇپ ئەتراپ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، «رەڭدار چەمبىرەك» كە ئولتۇرۇپ قايناق ھېسسىيات ۋە سۈرئەتنى ھېس قىلىشتى. نەنسەن گۈلزارلىقىدىكى گۈل- گىياھلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، خۇشال يايراپ، ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنىپلا قالماي، بۇ گۈلزارلىقتا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  ئۈرۈمچى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، تيانشان چوڭ جىلغىسى، مياۋئېرگۇ مەنزىرە رايونى، غەربىي بەيياڭگۇ مەنزىرە رايونى ۋە مۇشۈتەي مەنزىرە رايونى ھازىر رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىغان. ئېچىۋىتىلگەن دالا مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپسىزلاندۇرۇش، ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئۆچىرەتتە تۇرۇش ئارىلىقى بىر يېرىم مېتىردىن ئارتۇق بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈش، ئادەم سانىغا چەك قويۇشتەك تارقاقلىشىپ ساياھەت قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرگە قارىتا تەشۋىقات، يېتەكلەش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپلا قالماي، ئەڭ گۈزەل مۇھىتى، ئەڭ ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى باشلىغان.