شىنجاڭ 10 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتتى
【发布时间】2020-09-08  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ساياھەت سەپىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرۇش، رايون ئىچى ساياھەت بازارلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 تۈرلۈك تەدبىرنى رەسمىي يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىنى تېزلەتتى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 10 تۈرلۈك تەدبىر» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، بارلىق مەنزىرە رايونلىرى «سانىغا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىش» تەلىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىشى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە توردىكى ساياھەت كارخانىلىرى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىغان كوللېكتىپ ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى، «ئايروپىلان بېلىتى بىلەن مېھمانخانا» نى بىرلەشتۈرۈش كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساياھەت سەپىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.

  مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىلىرىغا قارىتا، «تەدبىر» دە: گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئۆسۈمىگە ياردەم بىرىدىغان قەرز بېرىش، سۇ، توك ھەققى ۋە ئۆي ئىجارىسىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەت بازارلىرىنىڭ جانلىنىشىنى تېزلىتىشتە، جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ «يۇرتنى سۆيۈش، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان جايلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلىب قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىش بېلىتىدە ئىتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى، جۇڭچىيۇ بايرىمى، ئۆكتەبىر بايرىمى قاتارلىق دەم ئېلىش پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، كىرىش بېلىتىدە ئىتبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى ۋە يىتەكلەندى.

  «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھىتى تەشۋىقاتى ۋە تونۇشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا، «كارتا سۈركەپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش- توردا داڭ چىقىرىش مۇسابىقىسى» تېمىسىدىكى يېڭى تاراتقۇدا تارقىتىش، «تەبىئەتكە ئىنتىلىش-- شىنجاڭدا سىزنى ساقلايمەن»، «گۈزەل دۇنيا-- مېھرى- مۇھەببەتلىك شىنجاڭ» قاتارلىق كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەت بازارلىرىنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەش؛ «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىرى راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش؛ «شىنجاڭ تەبەسسۈمى» مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش؛ ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ساياھەت كەسپكارلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت جەريانىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛ كۆپ قاتلاملىق كۈزلۈك، قىش پەسىللىك ساياھەت بايراملىرى، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، سودا يەرمەنكىلىرىنى ئۆيۇشتۇرۇپ، قويۇق ساياھەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى.