ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشى قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا
【发布时间】2020-09-09  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئالتايدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدا بۇ يىل 11- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرگە كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولىدۇ

  ئالتاي ۋىلايىتى يېقىندا، 2020- يىللىق كۈز پەسىللىك ساياھەت ئېتىبار سىياسىتىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. بۇ ئىتىبار سىياسىتى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىككى ئايغىچە كىرىش بېلىتى ئالماسلىق، «يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» تا كىرا ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، ھۆددە ئايروپىلانىغا ئورۇن مۇكاپاتى بىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالتايدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى بۇ يىل 11- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن ئىشىك بېلىتى ئالماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى، ئالتايدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى شەنبە، يەكشەنبە كۈنىنى كۈتۈۋالدى. قاناس مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر توردا ئالدىن كېلىشىپ ۋاقىتقا بۆلۈپ مەنزىرە رايونىغا كىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، باغچىغا تەرتىپ بويىچە كىردى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى ئالتۇن قىرغاق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ئەتىگەندىلا تەرتىپ بىلەن مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، بەزىلىرى ھەيكەللەرنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشسە، بەزىلىرى كۆل بويىدا سەيلە قىلدى، يەنە بەزىلىرى سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كۆلنى تاماشا قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى باشقا جايلاردىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئالتايغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى مۇكاپاتلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالتاي ۋىلايىتى نوپۇسىدىكىلەر، ئالتاي ۋىلايىتىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنى رايون ئىچىدە قىزىل ساياھەت، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساياھىتى قاتارلىق تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتىگە تەشكىللىگەن يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ھەقسىز ئاپتوموبىل سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلغان.