ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ئاممىۋى قاتناش مەركىزى شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
【发布时间】2020-09-09  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا، يېڭى بىر تۈركۈم دۆلەت ئاممىۋى قاتناش مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەرلەر تېزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مەملىكەت بويىچە 12 شەھەر بۇ تېزىملىككە كىرگۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

  ئاممىۋى قاتناش-- ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت كەسپى بولۇپ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىلەر، پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012- يىلى 10- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتنىڭ «ئاممىۋى قاتناش مەركىزىي شەھىرى» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 15 سىناق نۇقتا شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، شەھەر بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناش، تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش (BRT)، چوڭ بېكەت تېز لىنىيەسى، مەھەللە ئاپتوبۇسىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئاممىۋى قاتناش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى 234 كە، لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 175 كىلومېتىرغا، ئاپتوبۇس سانى 4 مىڭ 412 گە، ئاپتوبۇس بېكىتى 2 مىڭ 456 گە، ئاممىۋى قاتناشنىڭ يولۇچى توشۇش سانى تەخمىنەن ھەر يىلى 750 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۈنىگە تەخمىنەن 2 مىليون 60 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ يىل بەرپا قىلىش نەتىجىسىدە، تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناشنى-- تىرەك، ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناشنى-- ئاساسىي گەۋدە، باشقا قاتناش شەكلىنى-- تولۇقلىما قىلغان، ئۇل ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ئىستېرېئولۇق شەھەر ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، «يان تېلىفۇن ئاممىۋى قاتنىشى»، «كۇمىكې» ئاممىۋى سەپەر ئەپچىسى، ئېلېكتىرونلۇق بېكەت تاختىسى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى قاتناش ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئېلان قىلىپ، ئاممىنى لىنىيە تەكشۈرۈش، ئاپتوبۇسلار بېكەتنى ئالدىن مەلۇم قىلىش، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى ئۈچۈن دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى. يەنە، ئاممىۋى قاتناشتا كارتا سۈركەش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، كارتا سۈركەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر بويىچە بارلىق يەككە بېلەت تۈزۈمىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئۈندىدار، چىقىمدان، چىپاركودنى سىكانىرلاپ ئاپتوبوسقا چىقىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

相关阅读