ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىك خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئاچتى
【发布时间】2020-09-13  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايون موشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ساياھەت خىزمىتى بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چۆرىدىلىپ، نۆۋەتتىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ «سانىغا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىش» قاتارلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، دەل جايىدا باشقۇرۇش؛ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پەرقلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ ساياھەت تەشۋىقات- تىجارەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت بازىرى تىجارەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «14- بەش يىللىق يىرىك پىلان» نى ياخشى تۈزۈش؛ يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يار- يۆلەك بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار تىرەك سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ساياھەت ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ جايلار، تارماقلار سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

 

相关阅读