قىش پەسلىدە ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى بىر توپ زېرەكچاقلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى
【发布时间】2021-02-02  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  قىش پەسلىدە ھاۋا بارا- بارا سوۋۇغان بولسىمۇ، شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى قىزىپ كەتتى. نۇرغۇن فوتوگراف ۋە ساياھەتچى ئەتىگەندىلا يىراقلاردىن بۇ يەرگە كېلىپ نەچچە يۈز زېرەكچاقنى ساقلاپ تۇردى. زادى قانداق زېرەكچاقلار شۇنچە كۆپ ئادەمنى جەلپ قىلدى؟ ئۇلار دەل ئاققۇلار. ھەر يىلى قىشتا تەخمىنەن 200 ئاققۇ ئىلى دەريا ۋادىسىدا قىشلايدۇ. بۇ يەر ئاققۇلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى قىشلىق ماكانىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ياۋا ئاققۇلارنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتكىلى بولىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

  شىنجاڭنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاققۇبۇلاق مەنزىرە رايونى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاققۇلار قىش پەسلىدە كۆپىيىپ ياشايدىغان ئاساسلىق ماكان. بۇ يەر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەنزىرىسى، سۇلۇق يەر مەنزىرىسى، سۇ سىستېمىسى مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن ئەڭ ياخشى مەنزىرە رايونى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىپتىدائىي ۋە جىمجىتلىققا تولغان كىشىلەر ئارىسىدىكى پاكىز تۇپراق. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدىن كېيىنكى يىلى 4- ئايغىچە ئاققۇلار بۇ يەردە ماكانلىشىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ سانى دەسلەپكى بىر نەچچىدىن ھازىرقى يۈز نەچچىگە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %90 ئاققۇ سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ، قالغانلىرى چوڭ ئاققۇ. ئاققۇ كۆلىنىڭ قىش پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇستىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە تەبىئىي بۇلاق سۈيى زىچ بولغاچقا، قىش پەسلىدە سۇ يۈزى مۇز تۇتمايدىغان ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. تۈرلۈك سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ئاققۇلارنى مول تەبىئىي يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەن. ئاققۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا يۈزلىگەن ئاققۇلار توپ- توپ بولۇپ ئۈزۈشۈپ يۈرىدۇ. پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاققۇ، ئاپئاق قار، سەھەردىكى تۇمان سۆڭگىسى، كۆل يۈزىدىكى خىيالىي مەنزىرە، كەچقۇرۇندىكى گۈزەل كەچكى شەپەق قوشۇلۇپ خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

  ھەر كۈنى سەھەردە، سىز بۇ يەردە ئەسلىي ئېكولوگىيە تەبىئىي نۇسخىسىدىكى «ئاققۇ كۆلى» نى تاماشا قىلىسىز. ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوت شارىغا ئوخشايدۇ. گۈزەل تاڭ شەپىقى پايانسىز زېمىنغا رەڭدار تۈس بېغىشلايدۇ.

  كۆل بويىدىكى كىچىك دەرەخلەر ۋە قۇمۇش گۈللىرىدىكى تۇمان سۈڭگىسى ئاستا- ئاستا ئالتۇن رەڭگە كىردى. سۈزۈك، جىمجىت سۇ يۈزىدە سۇس تۇمان كۆتۈرۈلدى. غۇۋا لەيلەپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان ئاشۇ مەنزىرە خۇددى چۈشكە ئوخشاش گۈزەل تۈسكە كىردى. دەل شۇ چاغدا، تەبىئەتنىڭ زېرەكچاقلىرىمۇ ئويغاندى! گۈزەل ئاققۇلار يېقىملىق سايرىشىپ، تاڭ سەھەرنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى ياڭراق بولۇپ، خۇددى تۇرمۇشنى كۈيلەۋاتقاندەك، ھاياتنى مەدھىيەلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاققۇلار بەس- بەستە قاناتلىرىنى كېرىشىپ، توپ- توپ ئۈزۈشۈۋاتقان ياۋا ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى بىلەن بىللە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئاجايىپ نەپىس، ھاياتىي كۈچى چەكسىز تەبىئىي مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرنى مەپتۇن قىلاتتى. ساياھەتچىلەر بۇ گۈزەل مەنزىرىگە بەس- بەستە ئاپىرىن ئېيتىشتى.

  چوڭ ئاققۇلار كۆل يۈزىدە قوغلىشىپ، يېقىملىق سايرىشىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئاققۇ كۆلىنىڭ قىش پەسلىنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزدى. ھەقىقەتەن «سېغىنغان ئاشۇ يارىم، دەريانىڭ ئۇ قېتىدا» دېگەندەك سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىدە ئاپئاق ئاققۇلار ئۈزۈشۈپ يۈرەتتى. بارچە شۇ قەدەر گۈزەل شېئىرىي ھىسسىياتقا تولغان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.