چوڭقۇشتايغا بېرىپ قار كۆرۈش
【发布时间】2021-02-07  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ جىنفېڭ خەۋىرى، فوتوسى): چوڭقۇشتاي شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، تېكەس ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭقۇشتاي كەنتى ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلاندى.

  چوڭقۇشتاي كەنتى قازاق چارۋىچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، چارۋىچىلار شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا ئاساسەن، ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، ياغاچ ماتېرىيال بىلەن ئۆي سېلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر كەنتنى شەكىللەندۈرگەن. قارىغاي، شەمشاد دەرەخلىرىنىڭ ياغىچى قاتتىق، چىداملىق بولغاچقا، شۇ جايدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنىڭ شەكلى ئۆزگەرمىگەن، ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئۇزۇن، شۇڭا كەنتلەردىكى نۇرغۇن تۇرالغۇلار ياخشى ساقلىنىپ قالغان، بىر قىسىم تۇرالغۇلار 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئىلگىرى، باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چوڭقۇشتاي ئوتلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ناھايىتى ئاز بىلەتتى، 2010-يىلى چوڭقۇشتاي كەنتى «جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپ كىشى چوڭقۇشتاي ئوتلىقىغا كېلىپ ساياھەت قىلدى.