كەرياڭ كەنتىدە دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بار بولدى
【发布时间】2021-02-18  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 يېقىندا تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بەلدىر يېزىسى كەرياڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئارىپجان ئامىرمەمەت تېلېفوندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ كىچىك كەنتىمىزدىمۇ دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ كەنتىمىزگە كېلىپ مېھمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!».

  تاشقورغان پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇزلۇق، قارلىق تاغلار بىلەن ئورالغان. «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق فىلىمدە بايان قىلىنغان ھېكايە دەل مۇشۇ يەردە 50 نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن. فىلىمدە كەڭ تارقالغان «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق ناخشىنى كومپوزىتور كەرياڭ كەنتىدە ئىجاد قىلغان.

  كەرياڭ كەنتى ناھىيە بازىرىغا 55 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مىڭ مېتىر. تاغلىق يەر كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇشتەك يەر شەكلى ئىلگىرى كەرياڭ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇراتتى. 2018- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ تەبىئىي ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ساياھەت بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، يېزا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كەرياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىسى شيۇڭ چىجۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ياخشى، مەنزىرىسى يېقىشلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تاجىكلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق». شېنجېن شەھىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى بىلەن بۇ جاي ئۆزگىچە كەسىپ ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كومىتېتى ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىكتىكى «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، مەدەنىيەت، سەنئەت، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھاياجانلاندۇرۇپ، تەسىرلەندۈرۈپ، يېڭىلىق، سىرلىقلىق، يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. كەنت يەنە ئۈچ ئايلانما لىنىيە مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پىلانلاپ، «ئۈچ باغ- ئورمان، ئۈچ تاغ- جىلغا، ئۈچ ئاممىۋى پائالىيەت سەنئەت سارىيى» قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى مەركەزلىك بەرپا قىلىپ، 50 ئاۋۇل ئارامگاھى، 42 كىگىز ئۆي، 40 نەچچە ئېغىز ئۆلچەملىك ئۆي سالدى ھەمدە ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «يۇلتۇز كۆرۈش سۇپىسى»، «ناخشا ئىجادىيىتى كونا قوروسى» قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ساياھەت مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ، كەرياڭ كەنتىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  كەرياڭ كەنتى كېيىنكى قەدەمدە «يۇلتۇز ماكانى» تۈرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ ھەمدە قوشنا يېزا ۋاچا يېزىسى بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋاچا يېزىسىنىڭ «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى» قاتارلىق ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت لىنىيەسىنى ئورتاق ئاچىدۇ.