شىنجاڭ باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى: قەلبلەرنى ئىللىتىپ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى راھەت، كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش
【发布时间】2021-02-19  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار گو يۈشۈن، لو جىۋېي خەۋىرى): چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىش پەسلىدە مۇز تېيىلىش، قار ئويناشتا چوقۇم تاللىنىدىغان جايى بولغان باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى خۇشاللىققا چۆمدى، ھالبۇكى مەنزىرە رايونىدىكى پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن مۇلازىمەت شۆبە ئەترىتى سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن بۇ ساياھەتچىلەرگە باغراش كۆلىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن كەلگەن باھار مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇردى.

مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، ھەر بىر مەنزىرە نۇقتىسىدا قىزىل جىلىتكىنىڭ ئالدىراش سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا، قىزىل جىلىتكە كىيگەن پىدائىيلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى، ئۇلار ساياھەتچىلەر ئارىسىدا جانلىنىپ، تەرتىپنى ساقلاش، يول باشلاش، قېرىلارنى يۆلەپ، بالىلارنى يېتىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چېھرىدە باشتىن-ئاخىر قىزغىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى جاڭ يۈ تۇنجى قېتىم مەنزىرە رايونىغا كېلىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى، سەھەردىلا، ئۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئاممىنى ماسكا تاقاش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشقا يېتەكلىدى، ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر خاتىرىلەش، تەرتىپنى قوغداش، يۇقۇم ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى سەمىمىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

«مەن سەنشى شىنجوۋدىن كەلگەن غەربىي قىسىم پىلانى داشۆسىڭ پىدائىيسى، بۇ يىل داخېكوۋ پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئېڭىمنى ئۆستۈردۈم، يەنە يەرلىكنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك كۈچۈمنى قوشتۇم» غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى جاڭ يۈ شۇنداق دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، خادىملارنىڭ ئېقىم مىقدارىنى چەكلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەسلىدىكى ئاساستا باغراش ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ناھىيەلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ 100 پىدائىي ئاجرىتىپ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىگە قاتناشقان، بىرىنچى سەپكە تەۋە بولمىغان نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملار ئاممىۋى سورۇنلارغا كېلىپ ۋاقىتلىق پىدائىي بولۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ساياھەتچىلەرگە ياردەم بېرىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئىللىق ئەلا مۇلازىمەتنى ھېس قىلدۇرغان.

«بۇ بىر نەچچە كۈندە داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ناھىيەلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىشىپ، 100گە يېقىن پىدائىينى تەشكىللەپ، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تەرتىپىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى، شۇنداقلا تۆھپە قوشۇش، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەشتەك پىدائىيلار مۇلازىمەت روھىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە مەدەنىي، ئازادە ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى» باغراش ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چۈەنلۇڭ تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونى يەنە ئىچىدىغان ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاش رايونى قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتتى؛ مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە فورما كىيگەن خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت خادىملىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ساياھەتچىلەرنى مۇلازىمەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ قەلبلەرنى ئىللىتىپ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى راھەت، خۇشال-خۇرام ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئاقسۇدىكى ليۇ بىڭنىڭ مەنزىرە رايونىدىكى سەمىمىي مۇلازىمەتكە بولغان تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن باشلاپ يول بويى بىرەيلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرتىپنى قوغدىدى، بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچەپ، ماسكا تاقىۋېلىشىمىزنى، توپلىشىۋالماسلىقىمىزنى تاپىلىدى، گەرچە ساياھەتچىلەر كۆپ بولسىمۇ لېكىن ھەممىلا جاي رەتلىك ئىدى. ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، يېنىمىزدىكى 10 مېتىر دائىرىدە دائىم خىزمەتچى خادىم ياكى پىدائىيلارنى تاپقىلى بولاتتى، بۇ بىزگە مۇلازىمەتنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى، ساياھەت قىلىش جەريانىدا بىر خىل ئازادە ھالەتنى ھېس قىلدۇردى».

مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى