قۇمۇل كەشتىچىلىكىنىڭ ۋارىسى-- قادىر راخمان
【发布时间】2021-04-02  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

 كەشتىچىلىك-- جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئىچىدىكى بىر گۈل بولۇپ، كۆپىنچە ئاياللار كەشتىچىلىك ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغاچقا «كەشتىچى ئايال» دەپ ئاتىلاتتى. مىڭ يىللىق كەشتىچىلىك تارىخىغا ۋارىسلىق قىلىش جەريانىغا نەزەر سالساق بۇ ساھەدە ئەرلەرنىڭ ئىزىنى تاپماق سەل تەسكە توختايدۇ. ھالبۇكى، تيانشاننىڭ ئېتىكىدە يىراق- يېقىنغا داڭقى تارالغان، ماھارەتتە پىشقان دەل موشۇنداق بىر «ئەر كەشتىچى» بار. ئۇ بولسىمۇ-- شىنجاڭنىڭ قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر بازىرى قارا بۇغداي مەھەللىسى 3- گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان قادىر راخمان. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولغان قۇمۇل كەشتىچىلىكىنىڭ ۋارىسى قادىر راخمان ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلايمىز.

▲ قادىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇنىڭ مومىسى، ئاپىسى، ئاچىسى بولۇپ بىر ئائىلىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشى كەشتىچىلىككە ماھىر ھۈنەرۋەنلەر. جەمەتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەسىرىدە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئالتە يېشىدىن باشلاپلا مۇستەقىل قەغەز قىيما قىيىپ، بىر قىسىم نۇسخىلارنى لايىھەلىگەن ئىدى. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇ دائىم قەغەز قىيما كېسىپ، رەسىم لايىھەلەيتتى. ئانىسى بىلەن ئاچىسى كەشتىلەپ پۈتتۈرەتتى. شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى قارىشى بويىچە، كەشتىچىلىك ئاياللار قىلىدىغان ئىش ئىدى. بۇ گەرچە ئەنئەنىگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئەمما كەشتىچىلىكنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بۇ يىگىت ئوغرىلىقچە داۋاملاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا داۋاملىق كەشتىچىلىكنى ئۆگەندى. قادىر راخماننىڭ كەشتىچىلىك يولىغا مېڭىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولغىنى ئائىلىسىدە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كېلىشمەسلىك بولدى.

▲ 2007- يىلى 12- ئايدا قادىر راخماننىڭ ئاچىسى بەختكە قارشى كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتتى. بۇ ئائىلىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقىمۇ شۇ سەۋەبتىن بۇزۇلدى. قادىر راخمان ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن، ئاچىسىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن كەشتىچىلىكنى ياخشى كۆرۈشتىن باشقا، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىمۇ ئاشتى. دەسلەپتە، كەنتتىكى كىشىلەر بۇنىڭغا باشقىچە قاراپلا قالماي، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

▲ 2009- يىلى قۇمۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئورۇنلاشتۇرغان كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قادىر ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كەشتە بۇيۇمىنى ئېلىپ بېرىپ، بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ئۇ كۆپ يىل بوشاشماي چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ ئۇنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەشتىچىلىككە بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى شۇنداقلا كەشتىچىلىكنى بىر كەسىپ سۈپىتىدە ئىشلەش ئىرادىسى چىڭىدى.

▲ 2015- يىلى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى (ئەسلىدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى)، مائارىپ مىنىستىرلىقى «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى» نى يولغا قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايەن قىلىدىغان كۆپ خىل سەھنە ھازىرلىدى. قادىر راخمان گۇاڭجۇ داشۆنىڭ تۇنجى قارارلىق شىنجاڭ قۇمۇل كەشتىچىلىكى بويىچە تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان بولۇپ، تەربىيەلىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپلا قالماي، مەدەنىيەتتىكى پەرقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

▲ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 2016- يىلى 3- ئايدا قۇمۇلدا تۇنجى ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلدى. ياچاڭ مەدەنىيەت گۇروھى، چىڭخۇا داشۆ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ھۈنەر سەنئىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە بازارلاشتۇرۇپ ئېچىشقا ئورتاق كۈچ چىقاردى.

▲ ھازىر قادىرنىڭ «كەشتىچى ئاياللار» ئەترىتىدە 110 دىن ئارتۇق ئادەم بار. ئۇلار قۇمۇلنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن كەلگەن ئائىلە ئاياللىرى. قادىر كۇرستا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇلدا يۈزدىن ئارتۇق كەشتىچى ئايالنى يېتەكلەپ قۇمۇل كەشتىچىلىكىگە پائال ۋارىسلىق قىلدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كەشتە لايىھەلەپ، ئىجاد قىلىپ ۋارىسلىق قىلدى. لايىھەلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى ۋە دائىرىسى مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، مەدەنىيەت- ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇق، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىللىق كىرىمى كۇرستا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگىچە يېتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۈز ھەسسىلەپ ئاشتى.

▲ بۈگۈنكى كۈندە قادىر ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىز باسارلارنىڭ بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. ھۆكۈمەت، كارخانا، ئىلمىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانىدا، تەشكىللەش، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا تەدرىجىي مېڭىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن زاكازلارنى تاپشۇرۇۋالدى. يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتنى ھازىرقى تۇرمۇشقا سىڭدۈرگەندىلا ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. قادىر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى قول -ھۈنەر كەشتە بۇيۇملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قايتا ئىجاد قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، قۇمۇلدىكى داڭلىق نۇسخا لايىھەلىگۈچى بولۇپ قالدى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن كاناپ سومكا، كىچىك ياستۇق، U شەكىللىك ياستۇق، نەرسىلەرنى رەتلەپ سالىدىغان سومكا، ئىستاكان قېپى، خاتىرە دەپتەر، دوپپا، چىپاۋ قاتارلىق 300 خىلدىن ئارتۇق ئۆزگىچە كەشتىچىلىك يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ چىقتى.