لوپنۇرلۇقلار كەنتى
【发布时间】2021-04-13  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە بىر قەدىمىي كەنت بار. بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم لوپنۇرلۇقلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئەڭ ئېسىل گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە، يەنى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق- تەكلىماكان قۇملۇقى بۇ يەردە ئالتۇن رەڭدە يېيىلىپ ياتىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى- تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرى بۇ يەردە قوشۇلىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ يېشىل كارىدور- تارىم يېشىل كارىدورى بۇ يەرنى مىڭ چاقىرىملىق قۇم- بوراندىن مۇداپىئە قىلىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمىي يوللارنىڭ بىرى بولغان يىپەك يولى بۇ يەردە غەربكە سوزۇلۇپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرغان. مانا بۇ يەر-- لوپنۇرلۇقلار كەنتى. قۇملۇق، دەريا، يېشىل كارىدور ۋە يىپەك يولى بۇ يەردە بىرىكىپ كېتىدۇ. بۇ يەرنىڭ «ئىنسانلار تىرىك تاشقاتمىسى» دېگەن نامى بار.

▲ لوپنۇرلۇقلار كەنتى-- لوپنۇر ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. كەنتنىڭ ئايلانمىسى 72 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، 20 نەچچە ئائىلىلىك بار. جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەنتلەرنىڭ بىرى. بۇ يەردىكى لوپنۇرلۇقلار ئىلگىرى ئۇزۇن مۇددەت بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر قۇملۇقتىكى بېلىق تۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماكانى دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى لوپنۇرلۇق ئەرلەر كېمە شەكىللىك قالپاق كىيەتتى. ئۇلار توغراق كۆتىكىدىن ياسالغان چاپما قېيىقتا بېلىق تۇتاتتى ياكى تور تاشلايتتى. ئاياللار مۇڭلۇق مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزگىچە لەرزان ئۇسسۇللارنى ئوينايتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاددىي- ساددا، ئەمما ئۆزگىچە ئىدى.

 

▲ بۈگۈنكى كۈندە، لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە كىرسىڭىز، خۇددى تارىخىي فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىىدىغان چوڭ كىنو شەھەرچىسىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. قۇم بارخانلىرى، چۆل- جەزىرە، ئېگىز توغراقلار، سۈزۈك كۆل، ھەيۋەتلىك مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. بۇ يەرگە ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئوۋ ئوۋلاش، قولۋاق ھەيدەش، لوپنۇرلۇقلار ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئېسىل مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە دەريا سۈيىنى كېچىدۇ، ئورمانلىقتىن كېسىپ ئۆتىدۇ، تۆگە مىنىپ قۇم دېڭىزىنى تاماشا قىلىدۇ، خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ، گۈلخان ئەتراپىدا تۇرۇپ لوپنۇر ئۇسسۇلىنى كۆرىدۇ، كەپىدە ئۇخلايدۇ. قىسقىسى، قەدىمىي لوپنۇر ئۆرپ- ئادىتىدىن ھوزۇرلىنىپ، تەبىئەتكە قايتىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھازىر قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بارغانسىېرى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.