كوئىنلۇن جىلغىسىنىڭ <ساياھەت تامىقى> ھەقىقەتەن ئوخشىدى
【发布时间】2021-04-21  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

كوئىنلۇن جىلغىسىنىڭ «ساياھەت تامىقى» ھەقىقەتەن ئوخشىدى. 4- ئايدا كوئىنلۇن جىلغىسىدا ئۆرۈك چېچەكلىدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تار يېزىسىدا ئاق ۋە قىزىل رەڭلەردە پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكى بەس- بەستە ئېچىلىپ، تاشقورغان دەرياسىنى بويلاپ نەچچە ئون چاقىرىمغا سوزۇلۇپ، پۈتكۈل كوئىنلۇن جىلغىسىنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

▲ تار يېزىسى ئۆرۈك چېچىكى بىلەن نام چىقاردى، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى بۇ يەرگە كەلدى، تار يېزىسىدىكى دېھقانلار ئۆرۈك چېچىكى ساياھىتىدىن ئىبارەت بۇ <ساياھەت تامىقى> غا ئېغىز تەگدى. بىر نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا بۇ <قاچىدىكى تاماق> بارغانسېرى مەززىلىك بولدى. 3- ئاينىڭ 24- كۈنى تار يېزىسى ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، 40 تىن ئارتۇق سەھرا قونالغۇسى ھەر كۈنى دېگۈدەك ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. بۇ تار يېزىسىدا ئۆرۈك چېچىكى ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ساياھەت يۇقىرى پەللىسى بولدى. كەنت ئاھالىسى تېيىپجاننىڭ سەھرا قونالغۇسىدا، كەنتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ھەر كۈنى كەچتە ساياھەتچىلەرگە بۈركۈت ئۇسسۇلى ئويناپ بېرىدۇ. ئۇ: «بىر كۈنلۈك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىپ قايتقان ساياھەتچىلەرگە كەچتە سەھرا قونالغۇمدا بىر مەيدان مەدەنىيەت ئۇزۇقى تەقدىم قىلىمەن» دېدى.

▲ ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ئۆرۈك قېقى، مېغىزى، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساياھەت تاۋارلىرىغا ئايلاندى. 70 نەچچە ياشلىق كەنت ئاھالىسى نىپىز مەڭلىك يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۆز ئۆيىدىكى ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاقلارنى ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەرگە ساتتى. بۇ زىيانسىز يېشىل يېمەكلىكلەر ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيى ئالدىدىلا پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

▲ ھازىرغا قەدەر، يېزا بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 12 مىڭدىن، سەھرا قونالغۇسىدا قونغان ساياھەتچى 7 مىڭدىن ئاشتى. ساياھەتچىلەر دولقۇنى بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يېڭى قوتاز گۆشى، قوي گۆشى، قۇرۇق مېۋە، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

▲ بۇ ئىككى يىلدا، تار يېزىسى سەھرا قونالغۇسى ۋە «شەرققە قايتىش ئۆتىڭى» نى مەركەز قىلىپ، ئىككى سەرخىل ئايلانما لىنىيەنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، رايون ئىچىدىكى تاغ- دەريا مەنزىرىسى، ئۆزگىچە كەنت، ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت كۆرگەزمىسى، ئۆرپ- ئادەت ئويۇنى كۆرگەزمىسى، ئۆزگىچە مال سېتىۋېلىش رايونى قاتارلىق مەنزىرە، كەنت، كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى «بىر كۈنلۈك ساياھەت» نى «كۆپ قونۇش نۇقتىسى، كۆپ كۈنلۈك ساياھەت» كە ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىسىنى كېڭەيتتى.