شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ۋوگزال بېلىتىگە بىسىلدى
【发布时间】2021-04-29  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول خاتىرە تالون- ئىسپات چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇنجى يۈرۈش گۈزەل شىنجاڭ خاتىرە ۋوگزال بېلىتى مەملىكەت بويىچە تارقىتىلغان.

▲ گۈزەل شىنجاڭ ۋوگزال بېلىتى بىر يۈرۈش، 24 پارچە بولۇپ، ھەر بىر پارچىسىدە شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن فوتو سۈرەت ئەسىرى بار. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە گۈزەل قاناس، ياپيېشىل يايلاق بىلەن كۆك ئاسمان تۇتاشقان قاراجون يايلىقى، يەنە ئاجايىپ- غارايىپ ھەم ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ نامايەندىسى بولغان قۇمۇل داخەيداۋ قاتارلىقلار بار. ھەر بىر مەنزىرە كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ھەر بىر ۋوگزال بېلىتىنىڭ كەينىدە يەنە ئالاقىدار مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بار. پويىزغا ئولتۇرغان يولۇچىلار بۇ بىر يۈرۈش ۋوگزال بېلىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىۋاسىتە ھىس قىلالايدۇ.

▲ بۇ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى 65 ياشلىق لى ۋېنگې. ئۇ جۇڭگو تۆمۈريول گۇروھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونىرى، شۇنداقلا نوپۇزلۇق فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ نەچچە يۈز پارچە مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى. بۇ 24 پارچە ئەسەر ئۇنىڭ نۇرغۇن نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئىچىدىن كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان. لى ۋېنگې مۇنداق دېدى: «مەن بىر تۆمۈريول خادىمى، پويىزدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق ۋوگزال بېلىتىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».