ئۆزگىچە سەھرا قونالغۇسىنى تېكەس ناھىيەسىنىڭ يېڭى ساياھەت ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇردى
【发布时间】2021-05-07  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 تېكەس ناھىيەسى سەھرا قونالغۇسى تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئۆزگىچە سەھرا قونالغۇسىنى تېكەس ناھىيەسىنىڭ يېڭى ساياھەت ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇردى.

 فۇجۇلۇق ساياھەتچى چۈ ۋېنشىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسىگە ساياھەتكە كەلدى. بۇ يەردىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سەھرا قونالغۇسى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتتى. چۈ ۋېنشىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرۇۋاتقان سەھرا قونالغۇسىنىڭ دېرىزە ئەينىكى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تولۇق كۆرەلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى سەھرا قونالغۇسى يۇرتۇم فۇجۇدىكى سەھرا قونالغۇلىرىغا ئوخشىمايدىكەن. بۇ سەھرا قونالغۇسى كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تۇرغان مېھمانخانىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. ئۆينىڭ ئايال ئىگىسى بەك ياخشى، بەك يېقىملىقكەن. بولۇپمۇ دېرىزە ئەينىكىدىن سىرتنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، بەك راھەت ھىس قىلدىم.

 تېكەس ناھىيەسىدە سەھرا قونالغۇسى 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئائىلە مېھمانخانىسى شەكلىدە ئاندا- ساندا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاران ئالتىسى بار ئىدى. 2019- يىلىغا كەلگەندە، سەھرا قونالغۇسىنىڭ سانى تېز ئېشىپ 322 گە يەتتى. سەھرا قونالغۇسى بازىرىدا ياخشىسىمۇ، يامىنىمۇ بار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، تېكەس ناھىيەسى سەھرا قونالغۇسى بازىرىنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە پەرقلىق ۋە سەرخىل بولۇش يۆنىلىشى بويىچە سەھرا قونالغۇسى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 2020- يىلى 9- ئايدا، تۇنجى قېتىم رايون ئىچىدىكى 16 سەھرا قونالغۇسىنى ئېسىل سەھرا قونالغۇسى قىلىپ باھالىدى. تېكەس ناھىيەسىدىكى «ئۈچ خىل تەم سەھرا قونالغۇسى» شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بۇ سەھرا قونالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئولتۇراقلىشىش ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋى يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، تۈرلۈك ساياھەت ئەپلىرىدە بازىرى ئىتتىك بولغاچقا، بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىزچىل ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. سەھرا قونالغۇسنىڭ مەسئۇلى فەن ۋېي بۇ مەزگىلدە توردا 9- ئايغىچە قىلىنغان زاكازنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئۆينىڭ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. ئۆيلەردىكى مۇنچا ۋە تەرەتداندىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز قولدا ياسىغان. بىزنىڭ مەقسىدىمىز تېخىمۇ ئىپتىدائىي، ئۆزگىچە تۇرالغۇ مۇھىتى بەرپا قىلىش. 6-،7-، 8-،9- ئايلارغا نۇرغۇن زاكاز قوبۇل قىلدۇق، نۇرغۇن كىشى مەسلىھەت سورىدى.

 تېكەس ناھىيەسى 2020- يىلى، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە سەھرا قونالغۇسىنىڭ ئورنىنى ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقتىن كېيىنكى 3- چوڭ ساياھەت بايلىقى قىلىپ بېكىتىپ، مەخسۇس سەھرا قونالغۇسى مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، بازار ئىجازىتى مېخانىزمىنى بېكىتىشتىن سەھرا قونالغۇسى ئورنىنى ئايرىشقىچە، ھەقسىز تەربىيەلەشتىن ئالاقىدار ياردەم مەبلىغىنى تارقىتىشقىچە، ناھىيەدىكى نۆۋەتتە تىزىمغا ئالدۇرغان 259 سەھرا قونالغۇسىنى «بالا باققۇچى» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. سەھرا قونالغۇسى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى شېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سەھرا قونالغۇسىنى كۆزنەك ئورۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئادىمىيەت، ئۆرپ ـ ئادەت، تارىخىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىمىز، بارلىق سەھرا قونالغۇسىنىڭ ئىگىلىرى ئەل ئىچىدىكى خالىس تەشۋىقاتچىلار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزىدۇ، بۇنداق بولغاندا ساياھەتچىلەرنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتىپ، كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىش ئىگىلىكىنى قونۇش ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.