ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
【发布时间】2021-05-18  作者:xirenay  来源:天山网

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر باۋ لياڭتىڭ فوتوسى، خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت-كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دولان قەبىلىسى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى، توغراقلىق مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، چيەنجىن ئۆسۈملۈك باغچىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلىش، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش-ئىستىراھەت قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى «داكا» قىلىشقا جەلپ قىلدى. سۈرەتتە: يېقىندا، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.