شىنجاڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئارقىلىق ساياھەت كۈنىنى كۈتۈۋالدى
【发布时间】2021-05-24  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» دە، شىنجاڭ 238 تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 150 تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ساياھەت ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 

  2011- يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى-- «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «يېشىل تەرەققىيات، گۈزەل تۇرمۇش» بولۇپ، شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ئاقسۇ شەھىرىدە تەسىس قىلىندى. 

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلېلىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە مەھسۇلات تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭى لىنىيە، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تاۋارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنت ساياھىتىگە تۈرتكە بولۇپ، قىزىل ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. يەنە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، ساياھەت كوپىراتىپىغا مۇكاپات تولۇقلىمىسى، قاتناش تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى».