ئالتاي <سۈپەتلىك ساياھەت> ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى
【发布时间】2021-05-27  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئالتاي ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، 1- كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، 2- كەسىپنى كۆتۈرۈش» تەرەققىيات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل ساياھەت، سەھرا ساياھىتى، بايراملىق ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئالتاينىڭ ساياھەت مەنزىرىسى «نۇقتىدا كۈچەش» تىن «كۆپ نۇقتىدا مېۋىلەش» كىچە، ساياھەت ئىقتىسادى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ قالدى. 

  جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار ـ مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. 

  ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىر ئالتايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كۈچلۈك- ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئەتتىن سۈپەتكە، كۆلەمدىن ئۈنۈمگە، مەھسۇلاتتىن كۇرسلۇق مەھسۇلاتقا ئۆزگىرىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز». 

  ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئالتاينىڭ ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىكى ئەۋزەل بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئالتاي سوۋغىسى» ساياھەت مال سېتىۋېلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى ياراتتى. ئالتاي شەھىرىنىڭ ئۆرپ- ئادەت كوچىسىغا جايلاشقان «ئالتاي سوۋغىسى» قىران سارىيىدا، دۇكاندا ئاساسلىق سېتىلىدىغان «ئالتاي ساياھەت دەۋرى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تاۋارلىرى ۋە «ئالتاي يايلاق كۆچۈش» يۈرۈشلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە تاۋارلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى. مەھسۇلاتلارغا ئالتاينىڭ تاغ- دەريالىرى، قار- مۇز، چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە ئالتۇن ئۈنچە- مەرۋايىتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەدەنىيەت ئامىلى يۇغۇرۇلدى. 

  نۆۋەتتە ئالتاي ۋىلايىتىدە «ئالتاي سوۋغىسى» ھەمكارلىق سودىگىرىدىن يەتتىسى، ئۈرۈمچىدە ئالاھىدە ئىجازەتلىك سودىگەردىن ئىككىسى بولۇپ، ئالتاي مەنزىرە رايونى، مېھمانساراي، ئۆتەڭ، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق جايلاردا سېتىش نۇقتىسىدىن 11 نى تەسىس قىلىنىپ، تور ۋە ئەمەلىيەتتە سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئالتاينىڭ مول ئەلا سۈپەتلىك بايلىقى ۋە ئۆزگىچە ئىجادىي تاۋارلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا سېتىلماقتا. 

  ئالتاي ۋىلايىتى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان جەمئىي 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، 59 ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، 78 مېھمانخانا، مېھمانساراينى يېڭىدىن كۆپەيتتى. كەڭ كۆلەمدە بارلىققا كەلگەن ساياھەتچىلىك ھالىتى يېڭىلىق يارىتىش-- ئىقتىساد تىپىدىكى مېھمانساراي، ئېسىل مېھمانساراي، مېھمانسارايلارنىڭ ئىستىراھەت كەسىپلىرىنى توردا بىجىرىش كەسىپ ھالىتى، ئاپتوموبىل ئىشلىتىشنى توردا بىجىرىش، ئالاقە تورىدا ئويۇن قويۇش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەرنى قاپلىدى. ئالتاي شەھىرى خوتەن كەچلىك بازىرى، لەنۋەن كەچلىك بازىرى، بۇرچىن ناھىيەسى «خېتى» كەچلىك بازىرى، قاناس ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشنى تاماملاپ تىجارەت باشلىدى. 

  ئالتاي ۋىلايىتى يەنە «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى، يۈز كەنتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بىر تەرەپتىن يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆگە سۈتى، قوتاز، ياقۇت، جىغان قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلەر سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان بىر تۈركۈم «ئالتاي سوۋغىسى» لىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. 

  ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىدە ساياھەت كەسپىدە 40 مىڭ كىشى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 160 مىڭ كىشىنىڭ ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. بۇ، ۋىلايەت بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن كىشىنىڭ ساياھەت تامىقى يېگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.