تەكلىماكان− 359-لۈ مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى
【发布时间】2021-05-31  作者:zulhumar  来源:天山网

  يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىڭتۇەن تەكلىماكان−359-لۈ مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەندە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى بار بولدى، يەنە بىرى 10-شى 185-تۇەندىكى بەيشاخۇ مەنزىرە رايونى.

  ئىگىلىنىشىچە، تەكلىماكان− 359-لۈ مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى 1-شى ئارال شەھىرىدە بولۇپ، 359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى، 11-تۇەن قۇملۇق دەرۋازىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، قىزىل ساياھەت، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، قۇملۇق تەنھەرىكىتى، ئارام ئېلىش قاتارلىق بايلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇھىم قىزىل ساياھەت بازىسى ئىكەن.

  1-شى ئارال شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 11-تۇەن قۇملۇق دەرۋازىسى مەنزىرە رايونى قۇملۇق بايلىقىغا تايىنىپ، قۇملۇق دالا تەنھەرىكىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى، قۇمدا داۋالىنىش-كۈتۈنۈش، قۇملۇقتىكى سۇ ئويۇنى قاتارلىق تۈرلەرنى ئاچتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونىدا دالا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاپتوموبىل ماھىرلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ رىقابەتلىشىشكە جەلپ قىلدى، مەنزىرە رايونى ھازىر ساياھەت، ئېكسپېدىتسىيە، فوتو سۈرەت، قۇملۇق ھەرىكىتى، قۇملۇق مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.

  359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىدا بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قىزىل مەدەنىيىتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى»، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسى بازىسى» «مەملىكەت بويىچە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بازىسى» «مەملىكەت بويىچە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۇش پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى تەربىيەسى بازىسى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ باھالانغان، يەنە 3-تۈركۈمدىكى دۆلەت قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 1-شى ئارال شەھىرى ئادىمىيەت بايلىقى، تەبىئىي بايلىق ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، 359-لۈ قىزىل مەدەنىيىتى، غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى ھەمدە قۇملۇق، دەريا ئېقىنى، سۇلۇق يەر، يىرىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.