ۋۇسەيچېڭ مەنزىرە رايونى
【发布时间】2021-06-10  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

▲ ۋۇسەيچېڭ-- گۇربان تۇڭگۇت قۇملۇقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى رەڭدار بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا «رەڭدار شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ۋۇسەيچېڭ» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ۋۇسەيچېڭ نەچچە ئون رەڭدار تاغ ئېدىرىدىن تەركىب تاپقان، گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ ئېدىرلىرىنىڭ شەكلى قاتار تىكىلگەن چېدىرلارغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر تاغ ئېدىرى ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بولغاچقا كىشىگە خۇددى سىرلىق چۆچەكلەر دۇنياسىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ غەربتە قۇملۇققا، شىمالدا قارامايلى تېغىغا تۇتىشىدۇ. شەرققە ئون نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندا دىنوزاۋر جىلغىسى، شەرقىي جەنۇبقا 30 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندا گۇچۇڭ موگۈيچېڭغا بارغىلى بولىدۇ. نەچچە يۈز مىليون يىللىق گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بۇ يەردىكى تۇتاش كەتكەن تاغ ئېدىرلىرىنى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭنى ئاساس قىلغان، سېرىق، ئاق، قارا، يېشىل قاتارلىق كۆپ خىل رەڭ ئارىلاشقان ھالەتكە كەلتۈرگەن. لى ئەن رېژىسسورلۇق قىلغان «ۋوخۇ ساڭلوڭ» ناملىق كىنو ئىلگىرى بۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنغان. 

▲ چىڭقى چۈش مەزگىلىدە ۋۇسەيچېڭ ئوتتەك قىزىپ، تاغ ئېدىرلىرىنىڭ رەڭگى قۇياش نۇرى ئاستىدا سۇسلىشىپ، ھەتتا ھاۋامۇ قۇرغاقلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. كەچكى قۇياش غەربكە پاتقان مەزگىلدە ۋۇسەيچېڭ رەڭدار تۈسكە كىرىپ، قىزىل رەڭلىك تاغ ئېدىرلىرى خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىدەك كۆرۈنىدۇ. سېرىق رەڭلىك تاغ- داۋانلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن تاغقا ئوخشايدۇ. كۆك، يېشىل رەڭلەر خۇددى پارچە- پارچە ياقۇتلارغا ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىدۇ. 

▲ نۆۋەتتە بۇ مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ئاممىۋى قاتناش قورالى يوق، مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەنزىرە رايونى ئەتراپى ئاز ساندىكى نېفىت ئېلىش نۇقتىسىدىن باشقا، ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆل- باياۋان. ساياھەتچىلەر سانجى ياكى جىمىسار ناھىيە بازىرىغا قايتىپ قونسا ياكى مەنزىرە رايونىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان گۇخەي ئارشىڭىدا قونسا بولىدۇ. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا، ئوزۇق- تۈلۈك ۋە ئىچىدىغان سۇ تەييارلىۋېلىش ئىنتايىن زۆرۈر. 

▲ ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشنى سۈرەتكە تارتىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ئىككى كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن قىسمەن ۋاقىتلاردا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. كونكرېت ئەھۋال شۇ كۈندىكى مەنزىرە رايونىنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

相关阅读