قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاھالىلەر ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى
【发布时间】2021-09-03  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاھالىلەر ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. مەنزىرە رايونى ھازىرغا قەدەر 7 مىڭ ئادەمنىڭ بىۋاسىتە، 30 نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ كەتمەن بازىرى تۆمۈر ئۈسكۈنىلەرنى ياساش كوپىراتىپىغا كىرسىڭىز، بازغان ئاۋازى دىققىتىڭىزنى تارتىش بىلەن تەڭ، تۈرلۈك چوڭ- كىچىك كەتمەن، ئورغاق، گۈرجەك قاتارلىق تۆمۈر ئۈسكۈنىلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. كۆرگەزمە رايونىدىن ئۆتسىڭىز، تۆمۈرچى ئۇستاملارنىڭ ئوچاقتا قىزدۇرۇلغان تۆمۈرلەرنى سەندەلگە قۇيۇپ، نۆۋەت بىلەن بازغانلاۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ساياھەتچىلەر تۆمۈر سوقۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىپلا قالماي، قىزىققۇچىلار يەنە ئۆزلىرى قول سېلىپ سىناپ بېقىشىدۇ. شېنجېنلىق ساياھەتچى جېڭ دۇڭ (正东) مۇنداق دېدى: بايا سىناپ باقتىم، بىر تۆمۈر ئۈسكۈنىنى راستىنلا نۇرغۇن قېتىم بازغان بىلەن سوققاندىن كېيىن ياساپ چىققىلى بولىدىكەن. بۇ يەردە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تۆمۈرچىلىكتىكى بىر قەدەر ئەسلى ماھارىتى ساقلىنىپ قاپتۇ. 

 قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تۆمۈر ئۈسكۈنىلەرنى ياساش ماھارىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر كۆرگەزمە قىلىش، ياساش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان تۆمۈر ئۈسكۈنىلەرنى ياساش كوپىراتىپى قۇرۇپ، بۇ يىل 8- ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي سىرتقا ئېچىۋەتتى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كوپىراتىپ مەشغۇلات رايونى، ئېكىسكۇرسىيە رايونى ۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلدى. كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى گۈلبوستان ئوبۇل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر، كوپىراتىپىمىزغا سەككىز ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئىلگىرى، بۇ يەردىكى تۆمۈرچى ئۇستاملارنىڭ ئايلىق كىرىمى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. ھازىر، كىرىش بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مائاشىغا يەنە پايدا قوشۇپ بېرىلىۋاتىدۇ. ساياھەتچىلەر كۆپ كەلسە، ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ تۆت، بەش مىڭ يۈەنگە يېتىشىدە گەپ يوق. 

 قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى 2010- يىلى باشلىنىپ، 2015- يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇلدى. قەدىمىي شەھەردىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۆيىنىڭ 1- قەۋىتىنى دۇكان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ماڭسىڭىز، ئىككى تەرەپتىكى قاتار كەتكەن دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان تەشتەك، تۆمۈر ئۈسكۈنىلەر، ياغاچ جابدۇق ۋە دوپپا قاتارلىق خاس تاۋارلار كۆزىڭىزنى قاماشتۇرىدۇ. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاھالىسى ئابدۇمىجىت مەمەتزۇنۇن ئۆيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچقان ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىجارە ھەققى تۆلىمەيمىز، باشقا چىقىمىمىزمۇ يوق. مىس ئۈسكىنە، قوي يۇڭى، قوي تىۋىتى يېپىنچىسى، چالغۇ، خوتەن قاشتېشى دېگەندەك تاۋارلىرىمىزنىڭ تۈرلىرى 20، 30 غا يېتىدۇ. سودا ياخشى بولغاندا كۈنىگە بىر، ئىككى مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز. 

 بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ئاھالىلەر ساياھەتچىلىككە تايىنىپ «ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇردى. تېخىمۇ كۆپ ياشلارمۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. ھازىرغا قەدەر، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا تۈرلۈك دۇكاندىن 2 مىڭ 700 ئېچىلىپ، 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ساياھەتچىلىك كەسپىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە، 30 نەچچە مىڭ كىشى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كەسىپ ھالىتى مەسئۇلى ئادىلە ئادىلجان مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، قەدىمىي يادىكارلىقلار كوچىسى، قاشتېشى كوچىسى، مېۋە- كۆكتات كوچىسى دېگەندەك تېخىمۇ مول ساياھەت كەسپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىمىز. قەدىمى شەھەرنىڭ ساياھەت مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول تارىخى مەدەنىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.