يېقىندا ئالتاي قابا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت سىرلىق رايونىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپىرى باشلاندى
【发布时间】2021-09-15  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن جۇغراپىيە، گېئولوگىيە، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مۇھىت ئاسراش، تارىخىي مەدەنىيەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، بوشلۇقتا يىراقتىن سېزىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئون نەچچە مۇتەخەسسىس يەتتە كۈندە، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە يەر شەكلى، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى، جانلىقلار بايلىقى، مەدەنىيەت ئىزناسى يادىكارلىقىلىرى قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك ساياھەت بايلىقى، يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت بايلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىلمىي تەكشۈرۈپ، قابا ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، تەبىئەت جەھەتتىكى سىرىنى ئاچىدۇ. 

  قابا ناھىيەسى مۇزلۇق، قارلىق تاغ، ئورمان، ئوتلاق، تۈزلەڭلىك بوستانلىقى، ئېدىرلىق، ئويمانلىق، قۇملۇق، چۆللۈك قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلى تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جانلىقلار كۆپ خىل، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە مول يايلاق مەدەنىيىتى ئىزنالىرى ۋە يادىكارلىقىلىرى، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، يايلاق قىيا تاش رەسىملىرى، كانچىلىق ئىزنالىرى، كۆپ خىل شەكىلدىكى قەدىمكى قەلئە ئىزنالىرى مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ قارلىق تاغ سېھرىلىك كۆلى-- شۇاڭخۇ كۆلى، بوشلۇقتىكى يايلاق-- نارىن چارۋىچىلىق مەيدانى، كەڭ دائىرىدىكى تەبىئىي ئاق قېيىن ئورمىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت رەسىم كارىدورىدىكى مۇھىم تۈگۈن. ھەر يىلى مەنزىرە سىزغىلى، سۈرەتكە تارتقىلى كېلىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

相关阅读