ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى تەكلىپ قىلسىمۇ، نېمىشقا يەنە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ؟
【发布时间】2019-05-08  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇر تاپقان. بىراق، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇر بىلەن ماجرالىشىپ قېلىپ، ئاچچىقىغا پايلىماي، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىلنى يۆتكەپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، دەپ بېكىتىلگەن.

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگو رايونلۇق چوڭ ئەترىتى بىر كۈن ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلودىن ئىككىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 30 پىرسەنتتىن كۆپرەك شوپۇر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنى تاپسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل يۆتكەشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى مەۋجۇت ئىكەن. 

 بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ليۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يەر ئاستىدا بولغاچقا، دەرۋازىغا يىراقراق ئىكەن. شۇڭا، ئۇ ھەر قېتىم ۋاكالىتەن ھەيدەيدىغان شوپۇرغا ئاپتوموبىلنى ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىپ بېرىشنى ئېيتىپ، ئاندىن ئۆزى ھەيدەپ كىرىپ كېتىدىكەن. 

 نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا دائىم مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنى، ئۆزى ئاۋۋال ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقىپ ئاندىن شوپۇرغا بېرىدىكەن ياكى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، شوپۇر ئاپتوموبىلنى ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختىتىپ قويسا، ئۆزى قورو ئىچىگە ھەيدەپ كىرىپ كېتىدىكەن. 

 «مەن ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇرنى تاپقان ئىكەنمەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا، پۈتۈن مۇساپىنى ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇر ھەيدەيدۇ، مەن ئولتۇراق رايوندا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ھەيدەپ كىرسەم، بۇ قانۇنغا خىلاپ بولماس؟». ئوخشاش كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەن لياڭ خانقىزمۇ شۇنداق ئويلىغان.

 «دى دى» ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش سۇپىسىدىكى دۈەن ئۇستامنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىل ئىگىسى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىسە، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇر ئادەتتە نەسىھەت قىلىپ توسىدىكەن، لېكىن ئاپتوموبىل ئىگىسى جاھىللىق قىلىپ «ھەيدەيمەن» دەپ تۇرىۋالسا، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇرمۇ مەجبۇرلىيالمايدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىدىغان شوپۇرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئادا قىلىنىپ بولغان- دە! 

 ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى چى كەي كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ يولغا بولغان ئېنىقلىمىسىدا خاتا قاراش مەۋجۇت. خەلق ساقچىلىرى كۈندىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مۇنداق بېكىتىدۇ. يەنى، ئالاقىدارلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغانلىقى ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بولسىلا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئورۇن مەيلى چوڭ يول ياكى ئولتۇراق رايون قورۇسى ئىچىدە بولسۇن، مەيلى 10 كىلومېتىر ياكى بىر مېتىر ماڭغان بولسۇن، پەقەت ئاپتوموبىل مىدىرلىسىلا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە كىرىدۇ.

 ۋاكالىتەن ھەيدەش كەسپى-- مۇلازىمەت كەسپىگە تەۋە بولغاچقا، چوقۇم كەسپىي ئەخلاق بولۇشى، ھاراق ئىچكەن ئاپتوموبىل ئىگىسىنى چوقۇم مەنزىلگە ئاپىرىپ قويۇشى ھەمدە ئاپتوموبىلنى بىخەتەر توختىتىشى كېرەك. ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى توسۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يولۇققاندا، ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى شوپۇر ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىپ، مۇۋاپىق، قانۇنلۇق ۋاستە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلسا بولىدۇ.